ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
ئادەتتىكى ئىچىملىكلەر بىلەن پەرقسىز لاھىيەلەنگەن يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەر
ۋاقتى : 2017-07-05 13:20:42  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ياڭجياڭ شەھىرى خەيلىڭ ساقچىلىرى خەيلىڭ ئارىلىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ بىناسىدىن بىر كوللىكتىپ زەھەر چېكىش ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، 10 جىنايەت گۇماندارى، K تالقىنى، يېڭى تىپلىق «ئەتكەن چاي» زەھەرلىك چېكىملىكىدىن جەمئىي 40.03 گىرام ۋە زەھەر چېكىشكە لازىملىق ئەسۋابلارنى قولغا چۈشۈردى. 

ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ياڭجياڭ شەھىرى خەيلىڭ ساقچىخانىسىدىكىلەر يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق بىر مۇنچە ئەر-ئايالنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىر ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ بىناسىنىڭ 1501-ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆي ئىچىدىن كۈچلۈك مۇزىكا ئاۋازى چىقىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. كۆپ يىللىق دېلو بېجىرىش تەجرىبىسىگە ئىگە ساقچىلار بۇنىڭ بىر كوللىكتىپ زەھەر چېكىش ئۇۋىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدى ھەمدە يىلاننى ئۈركۈتۈپ قويماسلىق ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن پۇرسەت كۈتتى.

سەھەر سائەت 4لەردە ساقچىلار پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن جىنايەت گۇماندارلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى بايقىدى.

ئىگىلىنىشىچە، قارىماققا ئادەتتىكى چايدەك ئوراپ قاچىلانغان بۇ نەرسە چاي ئەمەس، بەلكى بىر خىل يېڭى تىپلىق «ئەتكەن چاي» زەھەرلىك چېكىملىكى ئىكەن. بۇ زەھەرلىك چېكىملىك تولىمۇ خۇشپۇراق بولۇپ، ئىچىملىككە قوشۇپ ئىچىلسە ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدىكەن. 

چېن جىباڭ: «ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل زەھەرلىك چېكىملىككە ئاسانلا ئالدىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئادەم باشقىچە روھلىنىپ كېتىدۇ، خۇمار قىلىدۇ، خەتىرى مۇزسىمان زەھەردىن قېلىشمايدۇ» دېدى.

بۇ يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ رەڭگى ۋە شەكلى ئۇنغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇزۇنچاق ھالەتتىكى ئەتكەن چاي خالتىلىرىغا قاچىلانغان، ئاساسلىق تەركىبى كېتامىن، MDMA قاتارلىقلار بولۇپ، سۇدا تېز ئېرىيدۇ، ئۇنى «ئىستېمال قىلىش» ئۇسۇلى ئاددىي، شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بىراق، بۇ يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىك «باش چايقىتىش كومىلىچى»غا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۈنۈمى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدۇ، ئاسان خۇمار قىلىدۇ، ئاسان تارقىلىدۇ.

بۇ يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىكنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

بۇ زەھەرلىك چېكىملىك قارىماققا ئەتكەن چايغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئورالمىسىغا «يېڭى لىمون تەملىك»، «لىپتون ئەتكەن چېيى»، «تيېگۈەنيىن چېي» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ئىچىملىكلەرگە كۆپچىلىك ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. 

بۇ «ئەتكەن چاي»نىڭ سىرتقى ئورالمىسى ئادەتتىكى ئەتكەن چايلاردىن پەرقلەنمەيدۇ. بىراق، تەپسىلىي قارىغاندا ئورالمىسىنىڭ قوپال، تەركىبى ۋە ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلىغا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئورالمىنىڭ سىرتىدىن تۇتۇپ باققاندا ئىچىدە تالقان ھالەتتىكى ماددا بارلىقىنى، ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى چاي ئەمەسلىكىنى بايقاشقا بولىدۇ. ئورالمىنى ئاچقاندا بىرخىل خۇشپۇراق تارقىلىدۇ.

بۇ زەھەرلىك چېكىملىك ئاسان ئېرىيدۇ، سۇغا دەملەپلا شۇ ھامان ئىچىشكە بولىدۇ، باشقا ئىچىملىكلەرگە ئارىلاشتۇرغاندا تەمى ۋە پۇرىقىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدۇ.

بۇ خىل يېڭى تىپلىق «ئەتكەن چاي» تالقىنى كۆپىنچە ناخشا-مۇزىكىلىق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق سورۇنلاردا باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق ئىچىملىك ئىچكەنلىكىنى كۆرگەندە ھەم ئىچىشكە تەكلىپ قىلىنغاندا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

يېڭى تىپتىكى باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەر:

 

1. «ئەرەب چېيى»: «ئەرەب چېيى» يېڭى ۋاقىتتا قىزىل بۇغداشقا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. بىراق، قىزىل بۇغداش بىلەن پەرقلىنىدىغان يېرى ئۇنىڭ غولى قىزىل، يوپۇرمىقى قىزىل بۇغداشتىن ئىنچىكىرەك بولىدۇ. قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن چاي يوپۇرمىقىغىلا ئوخشاپ قالىدۇ، قايمۇقتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك. بىراق، تەمى قىرتاق.

2. «پوپىڭ كەمپۈتى» : بۇنى بىر قېتىم ئىچسە چوڭ مېڭە ئىككى كۈنگىچە ھاياجانلىق ھالەتتە تۇرىدۇ.

3. «0 كاپسۇلى»: بۇ كاپسۇلنى ئەر ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى ئاياللارنىڭ رولىنى ئالىدىغانلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىدىغان بولغاچقا «0 كاپسۇلى» دەپ ئاتالغان. بۇ كاپسۇلنى ئىشلەتكەندە ئادەم بەدىنىنىڭ فۇنكسىيەسى زەخمىگە ئۇچرايدۇ، ئادەمدە ھاياجانلىق كەيپىيات شەكىللىنىپ قۇلىقىغا ھەرخىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ، ھەرخىل خىيالى نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇنى ئىستېمال قىلغانلار ئارىسىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى يۇقىرىلاپ كېتىدۇ.

4. «قىزىل مۇزسىمان زەھەر»: ئۇ يېقىنقى 2 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا يېڭىدىن پەيدا بولغان بىر خىل زەھەرلىك چېكىملىك بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئېلىپ كىرىلگەن. ئۇنىڭ ياسىلىشىدا يېڭىچە تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كۈچى ئادەتتىكى زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ 3 ھەسسىسىگە باراۋەر. مۇزسىمان زەھەر يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىك دەپ قارالغان بولۇپ، خىروئىن بىلەن سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن يۇمشاق، ئاسان خۇمار قىلمايدۇ. بىراق، قىزىل مۇزسىمان زەھەردە بۇ ئالاھىدىلىك ئۆزگەرتىلگەن، بىرلا قېتىم چەكسە ئېغىر دەرىجىدە خۇمار قىلىدۇ، ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، تاشلاش قىيىن. بۇ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلار ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زەھەر مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا خەلقئارادا نۇقتىلىق چەكلىنىدىغان زەھەرلىك چېكىملىك تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.

5. «تۇز ۋاننىسى» : ئىگىلىنىشىچە، بۇ زەھەرنى چەككەن ئادەم پۈتۈنلەي مەۋھۇم دۇنياغا كىرىپ قېلىپ، ئەقلىنى يوقىتىدۇ ھەمدە ئۆزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم دەپ ئويلاپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ كۈچلۈك زەھەرلىك چېكىملىك.

6. «كۈلكە دورىسى» : ئۇ ئۇششاق يېمەكلىك بولماستىن، بەلكى بىر خىل باش چايقىتىش كومۇچىلىدىنمۇ خەتەرلىك يېڭى تىپلىق زەھەرلىك چېكىملىك. ئۇنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە زىيىنى «باش چايقىتىش كومىلىچى»دىنمۇ يامان.

7. «ۋانپى دەرىخى» : بۇ بىر خىل يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان خىروئىن، خىروئىننىڭ يەنە بىر خىل تۈردى بولۇپ، خىمىيەلىك تەركىبى ئوخشاش. بۇ خىل زەھەرلىك چېكىملىكنى چېكىدىغانلار سەنشى، شەنسى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق رايونلار تارقالغان.

 8. سېھىرلىك يەر مەدىكى: ئۇ بىر خىل تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتىكى يەر مەدىكى بىلەن ئوخشاش. بۇ خىل يەر مەدىكى ئادەمنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىپ ئوچۇق-يورۇق قىلىۋېتىدۇ، ئۈنۈمى بىر يىلغىچە ساقلىنىدۇ.

 ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئەسكەرتىشى:

 يۇقىرىدا بايان قىلىنغان زەھەرلىك چېكىملىكلەر ناھايتىى كۈچلۈك بولۇپ، ئۈنۈمىنىڭ ساقلىنىش مۇددىتى ئۇزۇن، جەلپ قىلارلىق. كەڭ خەلق ئاممىسى، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ناتونۇش ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرىگە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى بەرگەنلىكىنى كۆرگەندە چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇشى، ئىستېمال قىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق نەرسىلەرنى باشقىلارغا ۋاكالىتەن يۆتكەپ بەرمەسلىكى كېرەك.