ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
ئېرى ئۆيدە تاماكا چەكسە ، خوتۇنىنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدۇ
ۋاقتى : 2017-04-24 12:35:09  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا خانىم - قىزلىرىنىڭ ئۆمرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، ئېرى ئۆيدا تاماق چېكىدىغان ئاياللارنىڭ ئۆمرى قىسقىرايدىكەن .
 تەتقىقاتتا يەنە جۇڭگودا تۇرمۇش ئادىتى ناچار ئاياللارغا قارىغاندا ئۇزۇن بولىدىغانلىقىمۇ بايقالغان .
ئامېرىكىنىڭ ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى سارا ئېخۇتا قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ‹‹ شاڭخەيلىك خانىم - قىزلارنىڭ ساغلاملىق تەتقىقاتى ›› دىكى سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلغان . بۇ تەتقىقات تۈرىدە 1996 - يىلىدىن 2000 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى 71 مىڭدىن كۆپرەك 40 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان تاماكا چەكمەيدىغان ۋە ھاراق ئىچمەيدىغان خانىم - قىزلىرىنىڭ ئوچۇرى يىغىلغان ، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش ئادىتىمۇ باھالاپ چىقىلغان . تەتقىقات تۈرىدىكى بۇ سان ئۆلۈش نىسبىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەش ئامىلنى ئاساس قىلغان . بۇ بەش ئامىل ئايرىم - ئايرىم ھالدا بەدەن ئېغىرلىقى ، بەل ئايلانمىسى ۋە كاسا ئايلانمىسىنىڭ نىسبىتى ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەھۋالى ، ۋاستىلىك تاماكا چېكىش دەرىجىسى ۋە كۆكتات ، مېۋە - چىۋىنى ئىستېمال قىلىش مىقدارىنى چۆرىدىگەن .
بىر ئايالنىڭ ساغلاملىق تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ياخشى بولسا ئۇنىڭ ئېرىشكەن سانى شۇنچىلىك يۇقىرى بولغان ؛ ساغلام تۇرمۇش ئادىتى قانچىلىك ناچار بولسا ئېرىشكەن نومۇرى شۇنچىلىك تۆۋەن بولغان .
ئۇلار تەتقىقات ئونيېكتى قىلىنغان ئاياللارنى توققۇز يىل ئەتراپىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن . بۇ مەزگىلدە 2860 ئايال قازا قىلغان ، بۇنىڭ ئارىسىدا 1351 ى راك كېسىلى بىلەن ، 775 ى يۈرەك تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن قازا قىلغان .
‹‹ ئىلىم - پەن ئاممىۋى كۈتۈپخانىسى ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن : ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا قازا قىلغان ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە بەدەن ئېغىرلىقى بەك يېنىك ياكى بەك ئېغىر ، سېمىز ، شۇنداقلا بەل ئايلانمىسى بىلەن كاسا ئايلانمىسى نىسبىتىنىڭ قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرغىلى بارمايدىغان ياكى كۆكتات ، مېۋە - چىۋىنى ئاز ئىستېمال قىلىدىغان ئەھۋاللار بەكرەك مەۋجۈت ئىكەن .
تەتقىقات دوكلاتىنى يازغۇچىلارنىڭ بىرى ، ۋاندېربېت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇقۇچان كېسەللىكلىرى مەركىزىنىڭ مەسئۇل خادىمى ۋېي جې مۇنداق دېدى : ‹‹  بىر خۇش خەۋەر بار ، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر خانىم- قىزلاردا ئۆزىدىكى ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈمىدى بار بولسىلا نۇرغۇن ئامىللارنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن . مەسىلەن ، كۈندە سەيلە قلسا ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئورۇنلىرىغا قاتنىشىپ ئېنېرگىيەنىڭ خورىشىنى ئازايتسا ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپ مىقداردا مېۋە - چىۋە ۋە كۆكتات ئىستېمال قىلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشسىلا ئەھۋالدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش كۆرۈلىدىكەن ›› .
 لېكىن قازا قىلغان ئۇ ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئېرى تاماكا چېكىدىكەن ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش بىر ئاز تەسكە توختىغان .
  تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹ جۇڭگو ۋە ئاسىيە قىتئەسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاياللاردىكى ۋاستىلىك تاماكا چېكىش ئەھۋالى ئەڭ مۇھىم بولغان بۇلغىنىش ، زەھەرلىنىش مەنبەسى ھېسابلىنىدىكەن . چۈنكى ئاسىيا ئەرلىرىنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقتىن ، بۇ ئەھۋالنىڭ خوتۇنىنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولىدىكەن . شۇڭا جۆرىسىنىڭ تاماكا چېكىش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشتە ئالدى بىلەن ئەر - خوتۇنلارغا تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇتۇش كېرەك ››.
   ئېرىنى خوتۇنىنى دەپ بولسىمۇ ، تاماكا تاشلىتىش ئىشىغا مەھەللىلەرنى ئاساس قىلغان دائىرىلەر ئارىلىشىش ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جەمئىيەتتىكى ئومۇمىي شارائىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك . مەسىلەن ، ئۆيدە تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈش دېگەندەك تەبىرلەرنى يولغا قويۇش كېرەك .