ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
لەۋ سۇرۇختىكى زەھەر
ۋاقتى : 2017-04-06 12:38:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 كۆپىنچە خانىم - قىزلار لەۋ سۇرۇخ سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ رەڭگىگىلا ئېتىبار بېرىپ، تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، ئەمەلىيەتتە لەۋ سۇرۇخى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سالامەتلىكىڭىز بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەگەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ساغلاملىقىڭىزنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قوغۇشۇن مەركىزىي نېرۋا ۋە بۆرەك قاتارلىق مۇھىم ئورگانىزملارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن. بىراق ئۇ ئالاھىدە پارقىرىتىش رولىغا ئىگە بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا لەۋ سۇرۇخىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىلىنىدىكەن.

    لەۋ سۇرۇختىكى قوغۇشۇن مىقدارىنىڭ ئاز - كۆپلۈكىنى ئۆلچەشنىڭ مۇنداق ئاددىي ئۇسۇلى بولۇپ، سېتىۋالماقچى بولغان لەۋ سۇرۇخنى ئاۋۋال قولغا ئازراقلا تەگكۈزۈپ، ئاندىن ئاق ئالتۇن ئۈزۈكنى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قانچىنى سۈرتكەندە، ئۈزۈككە يۇقۇشقان لەۋ سۇرۇخنىڭ رەڭگى قانچىكى قارىداپ كەتسە، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىكەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا، خانىم - قىزلار لەۋ سۇرۇخنى سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن غىزالىنىشى ياكى ئىچىملىك ئىچىشى، لەۋ سۇرۇخ تەركىبىدىكى قوغۇشۇننىڭ يېمەكلىك ئارقىلىق بەدەنگە قوبۇل قىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك ئىكەن.