ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەر قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ؟
ۋاقتى : 2015-08-14 17:24:11  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

زەھەر قانچە خىلغا ئايرىلىدۇ؟

 


زەھەرنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىر، ئىككى خىلنىلا بىلىپ، زەھەرلەرنىڭ زەھەرلەش ئىقتىدارنى بىلمەيدۇ، ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش، زەھەردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى قوزغالغان بۈگۈنكى كۈندە، زەھەرنىڭ تۈرى، ئۇنىڭ ئىنسانلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى بىلىۋېلىش ئىنتايىن زۆرۈر.
بىرىكمە زەھەر-ئەپيۇن، خىروئىن قاتارلىق ناركوز قىلىدىغان زەھەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەپيۇن، خىروئىن ئاساسلىقى تەبىئىي ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنىدۇ، بىرىكمە زەھەر خىمىيىلىك ئاساس قىلىنغان بىر خىللا روھلاندۇرۇش دورىسى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كۆرۈلگەچكە، يەنە يېڭى تىپتىكى زەھەر ۋە كۇلۇب زەھىرى دەپمۇ ئاتالغان.
كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر قانچە خىل بىرىكمە زەھەرلەر.
مۇزسىمان زەھەر (مېتال پرولامىن) تاشقى كۆرۈنىشى ئاپپاق، كرىستال جىسىم بولغاچقا مۇز دەپ ئاتالغان. ئۇ ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، زىيىنى ئەڭ چوڭ بولغان بىرىكمە زەھەر ھېسابلىنىدۇ.
Kپاراشوكى. ئاجرىتىشلىق ناركوز دورىسى، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن مۇزىكا رېتىمىغا ئەگىشىپ كۈچلۈك تولغىنىپ ئ‍اڭ ۋە سېزىمنىڭ بۆلۈنۈشىنى پەيدا قىلىپ، نېرۋىنىڭ زەھەرلىنىشى ۋە ئېلىشىپ قېلىش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تىرىئ‍ازولوم- سۇس كۆك رەڭلىك تابلىت. ئۇ بىرخىل تىنچلاندۇرۇش، ئۇخلىتىش دورىسى بولۇپ، ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلسا خۇمار بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ناركوز قىلىش ئۈنۈمى ئادەتتىكى تىنچلاندۇرۇش دورىسىنىڭ 45-100ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن، يۇقىرىقى بىرقانچە خىل زەھەرنىڭ ھەممىسى تېزلا خۇمار قىلىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەتەرلىك، زىيانلىق، ئاخىرى ھەرقانداق ھالاكەت يولىغا باشلايدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى