ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش بىرگە غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتى
ۋاقتى : 2015-04-27 11:51:56  مەنبەسى : ساقلىق ساقلاش ژورنىلى  يوللىغۇچى : يارپ

 «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش،بىرگە كۆڭۈل بۆلۈش» سىياسىتى دېگەن نېمە؟

 


«تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش» دېگەن:

1.يېزا-بازار ئاھالىلىرىدىن ئاساسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىگە قاتناشمىغان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئىچىدىكى ئەيدىز بىمارلىرى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ؛
2.ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىشنى ۋە تەكشۈرتۈشنى ئۆز ئىقتىيارلىقى بىلەن قۇبۇل قىلغان كىشىلەرگە ھەقسىز مەسلىھەت بېرىلىدۇ ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ھەقسىز ئىشلىنىدۇ؛
3.ھامىلدار يۇقۇمدارلارغا بۇۋاقنى ئانىدىن ئايرىش ۋە بوۋاقنى تەكشۈرۈش تەجرىبە دورىلىرى ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ؛
4.ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ يىتىم قالغان بالىلىرى تۇققۇز يىللىق مەجبۇرىي مائارىپتىن ھەقسىز بەھرىمان بولىدۇ.
«بىرگە كۆڭۈل بۆلۈش» دېگەن:
تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان ئەيدىز بىمارلىرىنى ھۆكۈمەت پاناھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ. يۇقۇمداردىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقاتمىغانلار ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن بىمارلىرى كەمسىتىلىشكە ئۇچراشتىن ساقلىنىدۇ.
مەنبە:ساقلىق ساقلاش ژۇرنىلى2014-يىللىق1-سان