ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشى
ۋاقتى : 2015-02-27 08:38:31  مەنبەسى : ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسى  يوللىغۇچى : يارپ

ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى گىگېنىلىق نازارەت قىلىشنى ئىجىرا قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقاتتى

2014-يىلى 11-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى گىگېنىلىق نازارەت قىلىشنى ئىجىرا قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(قىسقارتىلىپ«ئۇقتۇرۇش») نى بېسىپ تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى نازارەت قىلىشنى ئىجىرا قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە كونكىرت تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. «ئۇقتۇرۇش» تا يەنە ھەر دەرجىدىكى سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرى ئورگانلارنىڭ ئۆز رايونىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى-ئېلىش داۋالاشتىكى نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلارنى گىگېنىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشىنى، ھەر دەرىجىدىكى سەھىيە نازارىتى ئورگانلىرىنىڭ كۈندۈلۈك سەھىيە نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇشىنى، ھەر دەرىجىدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركەزلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ۋە ئەيدىزنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملاشقا مەسئۇل بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا ھەر دەرىجە سەھىيە نازارىتى ئورۇنلىرى، كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش ئورگانلىرى ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالىشقا ئالاقىدار كەسپى ئورگانلار ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەممە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ھەمكارلىق ئورگىنى بەرپا قىلىپ، خىزمەتتە ئورتاق كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ جاي-جايىدا ۋاختى-ۋاختىدا ياخشى بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش» تا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇسبەت كۆرۈلگەنلەرگە «نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ HIV ئانتىتېلا تەكشۈرۈش نەتىجە قەغىزى» نى تارقىتىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدا بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

(شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)

يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى