ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىز سىياسەت قانۇن
ۋاقتى : 2015-02-10 08:56:53  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىمارىنى سىياسەت بىلەن باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق كۈيۈنۈشنىڭ بىرلىشىشى

قانۇننىڭ پەقەت مەجبۇرلاش كۈچى بولۇپلا بالماي، يەنە ھاياتنى ئېللىتىش كۈچىمۇ بار. داۋالاش سەۋىيەسى تۈپەيلى، ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇنلانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىدەك ئالاھىدە بىر ئادەملەر توپىنىڭ مەنپەئەت تەلىپى ئادەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئوخشىماسلىقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، قانۇندا بۇنىڭغا قانداق تەدبىر قوللۇنۇش كېرەك ؟ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرى مەقسەتلىك ھالدا ئەيدىز ۋىروسىنى تارقاتسا، زەھەر چىكىش، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە قانداق جازا قوللىنىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك؟ 6- ئاينىڭ 21 كۈنى، سىچۇەن ئۆلكىسى زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنى ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى پەن-تېخنىكا ئېنىستوتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگونىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنى كاپالىتى مۇتەخەسىسلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىش يېغىنىدا، 30 دىن ئارتۇق قانۇن ئىلمى، ئاخبارات، مېدىتسىنا ئېلمى قاتارلىق بىر قانچە پەنلەردىكلى مۇتەخەسىسلەر يۇقارقى تېمىدا تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

مەخپىيەت ھوقۇقى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ئارىسىدىكى زىددىيەت

ئەيدىز كېسىلىنىڭ مېدىتسىنا ئېلمىدىكى تولۇق ئاتىلىشى « ئىمىنوت ئىقتىدارى كەم بولۇش كېسىلى» ( ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى AIDS)، چۈنكى ئۇنىڭ يۈز پىرسەنتلىك بولغان ئۈلۈش نىسپىتى ۋە ۋىروسنىڭ يۇقۇملىنىش خارەكتىرى ئادەمنىڭ ئاڭلىغانسىرى قورۇققىسىنى كەلتۈرىدۇ. ئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئادەم بەدىندىكى يۇشۇرۇن مەزگىلى ئوتتىرا ھېساپچە 12 يىلدىن 13 يىلغاچە بولۇدۇ، شۇڭا ئەيدىز يۇقۇمدارى كېسىلى قوزغۇلۇشتىن بۇرۇن ھېچقانداق غەيرى ئالامەتلىرى بولمايدۇ، تۇرمۇشىدا ۋە خىزمىتىدە نورمال ھالدا ياشىيالايدۇ، لېكىن يۇقۇملانغانلىق مەخپىيىتى ئاشكارىلىنىپلا كەتسە شۇھامان باشقىلارنىڭ چەتكە قېقىشىدىن ساقلىنالمايدۇ. «ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى» نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق كېسىلىگە ئايلىنىپ قالدى، ئەمەلىيەتلەردە ئىسپاتلىنىشىچە، يەنە دوختۇرنىڭ قەستەن بىمار ياشاۋاتقان ئاھالە كومىتىتىغا بېرىپ بىمارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارلىۋەتكەنلىك، خەۋەرلەردە بىمارلارنىڭ مەخپىيەتچىلىكىنى ئاشكارلىۋەتكەندەك ئېغىر دېلو مىساللىرى يۈز بەرگەن.

پايتەخىت تىببي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پىراپپىسورى ليۇ لەنچيۇۋنىڭ كۈرسىتىشىچە، قانۇندا ئالاھىدە بىمارلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشتا ئېنىق كۆرسەتمە بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، شەخسى ھوقۇققا دەخلى تەرىز يەتكۈزۈش قانۇنىدا بىكىتىلىشىچە، داۋالاش ئورگانلىرى ۋە داۋالاش خادىملىرى چوقۇم بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلىقشى كېرەك. بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغان ياكى بىمارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئۇنىڭ كىسەللىك تارىخىنى ئاشكارلىغانلار، بىمارغا زىيان سالغانلار، چوقۇم شەخسى ھوقۇققا دەخلى تەرىز يەتكۈزۈش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. لېكىن تارقىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ۋىروسقا يۇقۇملانغان بىمارنىڭ بىۋاستە ئۇچۇرشۇپ ئالاقە قىلىدىغان دوختۇرغا راستچىللىق بىلەن ھەمىنى ئېيتىش مەجبۇرىيتى بارمۇ يوق ؟ بۇنىڭغا قانۇندا تېخى تولۇق ئېنىقلىمە يوق. بىمارنىڭ مەخپىيەتلىك ھوقۇقى، ۋە داۋالىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ئارىسىدىكى زىدىيەتتە قانداق قىلىپ بۇلار ئارىسىدىكى قىممەت ئۆلچىمىنى ئايرىيمىز ؟ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ قارىشىچە، ئالاھىدە خىزمەت ئورنىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە كەسپى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى كۆزدىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ داۋالىغۇچى خادىملار ۋە ئەدىلىيە خادىملىرىنىڭ بىمارلار بىلەن بىۋاستە ئۇچۇراشقاندا كەسپى ئاشكارە بولۇپ قېلىش خەۋىپى بولغان ئامما ھوقۇقى بار، شۇڭا بىمارلارنىڭ ئۇلارغا ھەقىقى ئەھۋالنى دېيىش مەجبۇرىيتى بار.

« ھازىر بەزى سان-سىفىرلارنىڭ ئىپادىلىشىچە، يۈز پىرسىنتلىك بولغان گاندوننىڭ تەشۋىقاتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، خەتەرلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك جىنسى مۇناسىۋەت سودىسى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىشى كونتۇروللۇققا ئېرىشتى، تارقىلىش نىسپىتىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. لېكىن ئەكسىچە ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇنۇش نىسپىتىنىڭ كۆتۈرلىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. » بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن پىراپپىسورى جاۋجۈننىڭ ئېيتىشىچە:« بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ راسچىللىق بىلەن ئەھۋالىنى ئېيتىش مەجبۇرىيتى بارمۇ يوقمۇ؟ ئوخشىمىغان توپتىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يۇقۇملۇنۇشنىڭ تارقىلىش نىسپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بۇ مەسىلىنى ئىنتايىن مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتنىڭ تەمپۇڭلىقىنى ئايرىماق ئىنتايىن تەس بوپ كەتتى.

ئەدىلىيە ئورگىنى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن شىيوڭفېي:«ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىك، ئادەتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقىقەتەن بىر قەدەر تەسكە توختايدۇ» دېدى. لېكىن ئەيدىز بىمارىنىڭمۇ ئادىمىۋىلىك ھوقۇقى بار، ئۇلارمۇ جەمىيەتنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىشىغا مۇختاج. جەمىيەتتە «ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى» گە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئەيدىز ۋىروسىنىڭ يۇقۇملۇنۇش خاراكتىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ دىگەن خاتا قاراشتىندۇر، مەسىلەن ئەيدىز ۋىروسىنى ھاۋادىنمۇ يۇقۇملۇنۇدۇ دەپ قاراش. ئادەتتىكى ئاممىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىغا بولغان قارىشى بەكمۇ چوڭقۇر ئەمەس، قانداق ئامالدا ئالاھىدە بولغان قوغدۇنۇش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش كېرەك، ئادەملەر قانداق قىلىپ ئۆزىنى قوغداش قاتارلىق مەسىلىلەر بەكمۇ ئىنىق ئەمەس.

يەنە بىر قەدەمدە قانداق قىلىپ ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيتىگە ئىنىقلىما بېرىش كېرەك؟ كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى قانداق قىلىپ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؟ جەمىيەتنىڭ ئادىللىقىنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟ بۇ مەسىلىلەر مۇتەخەسىسلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.

جۇڭگو سىياسى قانۇن ئۇنۋىرسىتىنىڭ قانۇن ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، پىراپپىسورى شۈ شېنجىەن:« بۇ مەسىلەرنى ئويلىغان ۋاختىمىزدا، بىز ئالدى بىلەن كەڭ قورساقلىقنى ئۆگۈنۈۋېلىشىمىز كېرەك.» دېدى. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر، ھەر خىل قىممەت توقۇنۇشلىرى ئوتتۇرسىدا، كەڭ قورساقلىق بولسا ئىناقلىقنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىلىدۇر. ھازىرقى ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەتلىك جەمىيەتتە، بىز «ئەيدىز بىمارلىرى» غا كەڭ قورساق بولساق بولىدۇ. ئەيدىز بىمارلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىمىز قەلبىمىزدىن باشقىلارنى ياخشى كۆرگەنلىكىمىزنى ئپادىلەپلا قالماي، يەنە بىر قەدەمدە جەمىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولۇدىغان ئامىلدۇر.

بەزى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىپادە بىلدۈرىشىچە، ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تارقىلىش يولى بولسا چەكلىك، ئامما ئارتۇقچە قورقۇشى ھاجەتسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاغرىق ئازابىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارغا تېخىمۇ بەك روھى جەھەتتىن ئازاپ بەرمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك.

تۈرگە ئايرىپ تەھلىل قىلىش ۋە باشقۇرۇش بىلەن داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈش

ئەمەلىيەتتە، 1985-يىلى مەملىكىتىمىزدە دەسلەپكى ئەيدىز بىمارىنى بايقىغاندىن باشلاپلا، ئەيدىز كېسىلى ھەرگىزمۇ بىر ئادەتتىكى ئاممىۋى تازلىقتىن كېلىپ چىققان مەسىلە ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.

نۇرغۇنلىغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى تۇرمۇشىنىڭ نامرات، قىيىنچىلىقى كۆپ بولغانلىقى تۈپەيلى، ئاز بولمىغان ئادەملەر زەھەر چىكىش، ئىپپەت-نومۇسىنى سېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتىدۇ، يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللۇنىۋاتىدۇ. بەزى تەرققىياتى ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، يۇقارقى مەسىلىلەر تېخىمۇ ئېغىر. ئالاقىدار قائىدە-قانۇنلارنىڭ كەمچىللىكى ۋە يوچۇقى تۈپەيلى، جىنايەتكە چېتىشلىق بولغان ئەيدىز بىمارلىرىدا «قامىماق تەس بولۇش»، «تۈزەش تەس بولۇش»، «جەمىيەتكە قايتۇرۇش تەس بولۇش» قاتارلىق قېيىن مەسىلىلەر، بەزى جايلاردا تۇتۇپلا قويۇۋېتىش ياكى تۈرمىگە قاماش تەس بولۇشتەك ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

جىنايى ئىشلار ۋە ئەدىلىيەدىكى بۇ قىيىن مەسىلىگە، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئىلمى ئىنىستوتى، قانۇنچىلىق ئىنىستوتى مۇدىرى جاۋ بىڭجىنىڭ قارىشىچە:« ھازىر مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىلمىدىكىلەر، جىنايەت تەتقىقاتى ئىلمىدىكىلەر، مەھەللە باشقۇرۇش ئىلمىدىكىلەر، پىسخىكا ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخەسىسلارنىڭ بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىپ ئامىباپ ۋە ياخشى بولغان پىلاندىن بىرنى تۈزۈپ چىقىشىغا مۇختاج » ئىكەن.

خەلىقارادىكى تەجىربىلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇقۇن ئورۇن بېكىتىش، خەتەرلىك ئادەملەر توپىنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش بولسا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتىكى نوقتۇلۇق ئۇسۇلدۇر. 2006-يىلى 1-ئايدا دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ «ئەيدىزدىن ساقلىنىش نىزامنامىسى» نى چىقارغاندىن باشلاپ، ئەيدىزدىن ساقلىنىش خىزمىتى قەدەممۇ قەدەم قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىشقا ۋە مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە قاراپ يۇزلەنمەكتە. 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئەدىلىيە قانۇن ئىجارا قىلىش ئورگانلىرى مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش خىزمەت بەلگىلىمىسى» دە يەنە بىر قەدەمدە مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ دۋالاش ۋە تەربىيەلەش قاتارلىق مەزمۇنلىرىدا، زەھەرگە چېتىلىدىغان ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىغا بەلگىلىك ھالدا باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى پەيدا بولدى.

بۇ كۆرۈنۈشلەر ئارقىسىدا، «كۆك لەيلىسى ئائىلىسى» نى ئىسىم قىلغان باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش خىزمىتى بارلىققا كەلدى. ئارقىدىنلا 2008-يىلى 5-ئايدا بىرنجى قېتىم ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىنى باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاش ئەتىرتى قۇرۇلۇپ، سىچۈەن ئۆلكىلىك زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنى يەنە ئارقىدىنلا «ياخشى بولغان تۈزەش»، «ياخشى بولغان كۆيۈنۈش» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى مەجبۇرى زەھەر تاشلىغۇچىلار ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەرلەرنى يىغىپ داۋالىدى.

سىچۈەن ئۆلكىلىك زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ باشلىقى جاۋ زىيوڭ چۈشەندۈرۈپ، «كۆك لەيلىسى ئائىلىسى» زەھەرگە چېتىلىدىغان ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىغا باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە داۋالاشنى ئېلىپ بېرىپ، «ئىللىق باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى» يولغا قويدى. ئۇ بۇندىن بۇرۇنقى خىزمەت قۇرۇلمىسىنى بېسىپ چۈشۈپ، «قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ۋە ئىللىق كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، قىلمىشىنى تۈزەش ۋە پىسخىكىسىنى تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە ساغلام زەھەر تاشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىللىق مۇلازىمەت ۋە داۋاملىق كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىق ئاماللارنى قوللۇنۇپ، ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە قايتىشىغا ياردەم بەردى.

«قانۇنغا تايىنىش، كۆيۈنۈش، تۈزەش، تۇرمۇشىنى يېڭىلاش»بولسا كۆك لەيلىسى ئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق بولغان باشقۇرۇش نەزىرىيەسى. سىچۈەن ئۆلكىلىك زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىغى دېڭگاڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئائىلىمىز تىرىشىپ ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرى ئۈچۈن بىر ئىللىق ۋە ئىناق، ساغلام ھالدا يۇقۇرىغا ئىنتىلىدىغان، مىھرى-مۇھاببەتكە تولغان چوڭ بىر ئائىلە يارىتىپ بېرىدۇ، زەھەر تاشلىغۇچىلار كەمسىتىشكە ئۇچىرىمايدۇ، ساقچىلارمۇ مىھرى-مۇھاببەتلىك كەيپىيات تۇغدۇرۇشقا تېخىمۇ بەك دېققەت قىلىدۇ. «ئۈمۈدسىزلىنىش، جەمىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئىدىيەسىدىكى تەربىيەلەنگۈچىلەر، ئىللىق ئائىلىگە كىرگەندىن كېيىن ئۇلاردا ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر بولدى.»

كۆپلىگەن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ قۇرۇلمىغا ئىنتايىن يۇقۇرى بولغان باھالارنى بەردى. جۇڭگو خەلىق ئۇنىۋىرسىتى قانۇنچىلىق ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن پىراپپىسورى ۋاڭشۈننىڭ ھېس قىلىشىچە، روھى جەھەتتىن ئوزۇق بېرىش تۈزەش خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەجبۇرى باشقۇرۇش ئەزەلدىن مۇھىم، لېكىن پىسخىكىدىكى ئۆزگۈرۈشنىڭ بولۇشىمۇ بەك مۇھىم، ئائىلىدىكى ئىللىقلىق بىلەن كۆيۈنۈشنىڭ پىسخىكىسىنى تۈزەشتىكى رولىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جازايى ئىشلار قانۇن ئىلمى ئىنىستوتىنىڭ پىراپپىسورى ۋۇ زوڭشىەن:« ئائىلىنىڭ ئىللىق بولۇشى بىلەن جەمىيەتنىڭ ياردەم بىرىشىدىن باشقا، يەنە ئىلغار بولغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىمىزدىن پايدىلىنىشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن دىننى جەھەتتىن روھى ئوزۇق بېرىپ يول كۆرسۈتۈش ئارقىلىق، ئەيدىز بىمارلىرىغا پىسخىكا جەھەتتىن داۋالاشتا ياردەم بېرىش دېگەندەك» دېدى.

باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە قانۇننىڭ بىرلىشىشى

2012-يىلى، سىچۈەن ئۆلكىلىك زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنى ۋە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جازىيى ئىشلار ئىلمى تەتقىقات ئىنىستوتى ھەمكارلىشىش توختامى تۈزۈپ، بۇ ئىنىستوتنىڭ پەن-تېخنىكا ئۆگۈنىش تەتقىقات بازىسىغا ئايلاندى. «كۆك لەيلىسى ئائلىسى» قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغان ئەيدىز بىاملىرىدىن ئىبارەت كىشىلەرنى ئەدىلىيە قانۇن يۈرگۈزۈش زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرىدا مەركەزلەشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا، كۆيۈنۈپ داۋالاش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىزدىنىشىگە قارىتىلغان بولۇپ، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن ئىلمى تەتقىقات ئىنىستوتى بۇنىڭغا قارىتا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، بۇ قۇرۇلمىنىڭ ئۈنۈمى ۋە مەسىلىسىنى باھالاپ، بۇنىڭدىكى تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈللىدى. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇن ئىلمى تەتقىقات ئىنىستوتىنىڭ قارىشىچە، قانۇن بويىنچە ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىنى يىغىپ داۋالاش بولسا جەمىيەت ئامانلىقىنىڭ تەرتىپىنى ساقلىغانلىق، جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ۋاستە ئىكەن. «كۆك لەيلىسى ئائىلىسى» قۇرۇلمىسى ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ مەنپەئەت ھوقۇقىغا كۆيۈنۈش، ئالاھىدە ئادەملەر توپى نەزىرىدە ئۇلارغا قاراپ جەمىيەتنىڭ ئىناق ھالدا ئالغا ئىلگىرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ تىزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەمەلىي مەنالارنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ.

لېكىن يەنە بەزى يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر مەجبۇرى باشقۇرۇش ئۇسۇلىغا سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2012-يىلى 3-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىنىڭ 12 ئورگىنى بىرلىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرى خارەكتىرلىق سولاپ زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرىنى تاقىشىنى، ھەمدە جەمىيەتتە ئۆز رازىلىقى بىلەن، قانۇنى ھوقۇقى ۋە جەمىيەت مۇلازىمىتىنى ئاساس قىلغان ئورۇنلارنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى. بۇرۇن بۇ تەۋسىيە تەتقىقات ساھەسىدە غۇلغۇلە قوزغىغان ئىدى. تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر بۇرۇندۇنلا ئەيدىز ۋىروسى ئېلىپ يۈرگەن زەھەر چەككۈچىلەرنى مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىشقا بولامدۇ بولمامدۇ، بۇ يەنىلا چوڭقۇر ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ ئويلايتتى.

ئەلۋەتتە يىغىپ داۋالاش باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئائىلە خىزمەت خادىملىرىمۇ ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھوقۇق مەنپئەتىنىڭ كاپالىتىمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلاندى. سىچۈەن ئۆلكىلىك زىياڭ مەجبۇرى ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ سىياسى كومىسسارى لىبىڭنىڭ ھېس قىلىشىچە، كۆيۈنۈش، تەربىيەلەش، داۋالاش، تۈزەش، ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىغا ياردەم بېرىشتە بىرسىمۇ كام بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم خىزمەت. لېكىن بۇ خىزمەتلەرنى ھەل قىلىشتا، چوقۇم مۇكەممەل بولغان تاشقى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈزۈلمىسى قۇرۇپ چىقىش، بولۇپمۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ تۈزۈلمىدىكى كاپالىتى. باشقۇرۇش ۋە تۈزەش ئورۇنلىرىدا داۋالىغۇچى خادىملار ۋە ساقچىلارنىڭ يۇقۇملۇنۇش ھادىسىللىرى بولغان، شۇ تۈپەيلى بۇ ئالاھىدە خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى خادىملارنىڭ تۇرمۇشتا كەمسىتشكە ئۇچۇرىغان ئەھۋاللىرىمۇ بولغان. ياخشى بولغان تۈزۈلمە تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشمۇ ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك بولغان بىر مەسىلە ئىكەن.

تەتقىقاتچىلار ساھەسىدىكى كۆپلىگەن غۇلغۇلە قوزغىغان يەنە بىر مەسىلە، قانۇندىكى بەزى قاتلاملارنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدۇر. بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتى جىنايى ئىشلار قانۇن ئىلمى ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن پىراپپىسورى لېي شىاۋجېڭ چۈشەندۈرۈپ، ھازىر مەملىكىتىمىزدە تېخى ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇملانغۇچىلىرى ۋە ئەيدىز بىمارى جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بىرمۇ مەخسۇس تۈردىكى قانۇن ياكى بەلگىلىمە يوق، شۇڭا قانۇن ئارىسىدىكى باغلىنىش مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. مەجبۇرى ئايرىش دىگەن بۇ سۆزنىڭ ئارقىسىدىكى باشقۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەركىنلىك دائىرىسىنى چەكلەشكە كىرىدۇ، بىراق «كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەش قىلمىشى» نى مەملىكەتلىك دائىمى ئىشلار كومىتىتىنىڭ قانۇن ئارقىلىق بەلگىلىمە چىقىرىشىغا توغىرا كېلىدۇ، چۈنكى ئەيدىزدىن ساقلىنىش بەلگىلىمىلىرىنىڭ قاتلاملىق تەسىرى يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇننى بىرلىك قىلىدىغان پىرنسىپنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇ قانۇنلارنى ئەيدىزدىن ساقلىنىش قانۇنىغا كۆتۈرۈپ، ھەمدە ۋاختىدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتۇرول قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى يىڭىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن. مەسىلەن سىياسەت بويىنچە جازالاش قانۇنى، زەھەر تاشلاش قانۇنى، جازا قانۇنى، جازاغا ئەرىز قىلىش قانۇنى قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىشى، يەنە جازاغا ئەرىز سۇنۇش قانۇنىدا «ئەيدىز قاتارلىق تارقىلىشچان ئېغىر كېسەللەر توپىنىڭ ئالاھىدە ئەرىز قىلىش سېستىمىسى» بەلگىلىمىللىرىگە ئىنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھەللىدە تۈزەشنىڭ بىرىكىشى، نىكاھ قانۇنى، بوۋاقلار ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ بىرىكىشى قاتارلىقلاردىمۇ ئويلىنىش لازىم. جەمىيەت ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى ۋە ئائىلە تۇرمۇش تەرتىپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئويلىنىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ نىكاھ، ۋارىس قالدۇرۇش جەھەتتىكى تەمپۇڭ بولغان ھوقۇق مەنپئەتىنىمۇ قوغداش كېرەك، نىكاھ قانۇنىدا ئىنىق قىلىپ ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ توي قىلىشنى چەكلەش قانۇنى قاتارلىقلار.

چىڭخۇا ئۇنىۋىرسىتى قانۇن ئىنىستوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە پىراپپىسورى جاڭجىەننىڭ قارىشىچە، جىنايى ئىشلارغا چېتىلىدىغان ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندا ئالاھىدە بولغان بىرتەرەپ قىلىش قانۇنى بولىشى كېرەك. بىرىنجىدىن ئۇلار ئۈچۈن ئاقلۇغۇچى ئادۇكات تېپپىپ بېرىش. ئىككىنجىدىن يېپىق سوت ئېچىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇلارنىڭ مەخپىيەت ھوقۇقىنى قوغداش. ئۈچۈنجىدىن ئالاھىدە بولغان ئەرىز قىلىش سېستىمىسى قۇرۇپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى توغرا خارەكتىردە رازى قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە جەمىيەت ئامانلىقىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش كېرەك. مەسىلەن ، زەھەر چىكىش، ئېغىر ھارق ئىچىش، تارقىلىشچان كىسەل يۇقۇمدارى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر بىلەن مەجبۇرى داۋالاشنىڭ دائىرىسىنى كەڭەيتسەك بولىدۇ، ئەيدىز ۋىروسى يۇقۇمدارلىرىغا ئايرىم ھالدا تۈزۈم تۇرغۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق. تۆتىنجىدىن جازا ئىجىرا قىلغاندا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ مەھەللىدە يۈزەش شارائىتى بولغانلارنى، قانۇن بويۇنچە مەھەللىدە تۈزەش قاتارلىق.

لىۋ لەنچىۇنىڭ ھېس قىلىشىچە، ھەر قايسى ئايرىم قانۇنلار ۋە ئەيدىزدىن ساقلىنىش نىزاملىرى ئوتتۇرسىدىكى چېتىلىشتا، ئەڭ ياخشىسى بىر تۈركۈم قانۇنلار ئارقىلىق يۇقارقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەككەن، مەسىلەن تارقىلىشچان كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئارقىلىق ھەر قايسى گەۋدىلەرنىڭ مەسۇلىيتى ۋە ئالاقىسىنى بىرتەرەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر. «ئاممىۋى تازىلىق، جەمىيەت ئامانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئارىسىدىكى مۇناسىۋىتىنى چوقۇم مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.»