ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىز ۋە يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش
ۋاقتى : 2015-02-15 13:06:40  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

 

ئەيدىز سەۋەبىدىن بولغان ئالتە خىل كېسەللىك يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

 

ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بولغان ئالتە خىل كېسەللىكنى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلارنىڭ داۋالىنىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللەتكەن.

ھازىر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت تارمىقى جەمىيەتكە ئەيدىز كېسىلنى داۋالايدىغان نۇقتىلىق 89 ئاپاراتنى ئېلان قىلىپ، ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ داۋالىنىش ئېھتىياجىنى ئاساسى جەھەتتىن قاندۇرغان. مەھەللىلەردە دورا بىلەن قامداپ داۋالايدىغان ئامبۇلاتۇرىيەدىن 31، ئامبۇلاتۇرىيەگە تايىنىپ دورا بىرىدىغان نۇقتىدىن 42 قۇرۇلغان. 2014-يىلى 6992 كىشى داۋالانغان.

2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا دەلىللەيدىغان تەجرىخانىدىن 19، تەكشۈرىدىغان تەجرىخانىدىن 304، CD4 نى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان تەجرىبىخانىدىن 44 قۇرۇلغان. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى، دوختۇرخانا، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، پىلانلىق تۇغۇت، قان پونكىتى گىرەلەشتۈرۈلگەن ئۈچ دەرىجىلىك ئەيدىز كېسىلى تەجرىبىخانىسى خىزمەت تۈرى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن.

2014-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ 94 ناھىيە (شەھەر، رايۇن)سىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرى 43 مىڭ 555 كە يەتكەنلىكى؛ 2014-يلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 4143 كە يېتىپ، 2013-يىلدىكىدىن %0.3 تۆۋەنلىگەنلىكى دوكلات قىلىنغان. ھازىر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش، ئۆلۈش نىسبىتى بەلگىلىك دەرىجە تۆۋەنلىگەن.