ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى يىغىنى
ۋاقتى : 2015-02-16 12:37:30  مەنبەسى : ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتېتى  يوللىغۇچى : يارپ

گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئومۇمى ئەزالار يېغىنى چاقىردى

 

     2014-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسى ئومۇمى ئەزالار يىغىنى چاقىردى. يېغىننى گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، گوۋۇيۈەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەندوڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتىنىڭ مۇدىرى لىبىڭ «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىلانى» دىگەن تېمىدا دوكلات بەردى؛ يىغىندا يەنە «نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتىكى باشقۇرۇش ئۇسۇلى (مۇنازىرە ماقالىسى)» ،«زەھەر تاشلىتىش دورا ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى (مۇنازىرە ماقالىسى)»نىڭ كۆرسەتكەن رولى قاتارلىقلارغا چۈشەنچە بېرىلدى؛ مائارىپ ئورگىنى، ج خ ئورگىنى، خەۋەرلەر نەشىرىياتى، رادىيو-تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسىنىڭ رەھبىرى، ھەمدە بېيجىڭ، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز رايونى ۋە ئۆز ئورگىنىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن چىقارغان سىياسەتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۈرگۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىغا ئىتىبار بېرىپ، ئومۇمى ھالدا سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، سەپتىن چۈشۈپ قېلىش مەسئۇلىيتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، قەتئىي ھالدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئون ئىككىنچى بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنىڭ نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

لىيۇ يەندوڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ھازىر دۆلىتىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىدە يېڭى بولغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تورى تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇش، ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەش كۈچىنىڭ كۈچىيىشى، سەۋىيەنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، زەھەردىن مۇداپىيەلىنىش، زەھەر چەكلەش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلار ئۆزئارا بىر گەۋدە بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى ئۈنۈملۈك ئەمىللىشىپ، بىمارلارنىڭ ھەقسىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشى تېخىمۇ ۋاقتىدا بولدى، تېخىمۇ كۆپلىگەن بىمارلار پارتىيە-ھۆكۈمەت ھەم جەمىيەتنىڭ كۆيۈنىشى ۋە ئېللىقلىقىنى ھىس قىلدى، لېكىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، خىزمەت كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم. ليۇ يەندوڭ تەكىتلەپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى بولسا چوڭ جەھەتتىكى پۇخرالارنىڭ تۇمۇشى ۋە جەمىيەت مەسىلىسى، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتى بولسا خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكى، بىخەتەر ھالدا ئومۇمىيۈزلۈك بولغان ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئىناق جەمىيەت قۇرۇش نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا چېتىلىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، باش مەنبەسىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى يۇقۇملانغۇچى پەيدا بولۇشىنى ئازايتىش كېرەك؛ نوقتۇلۇق ھالدا تەسىر كۆرسۈتۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نوقتۇلۇق رايونلار ۋە نوقتۇلۇق ئادەملەر توپىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋەزىيتىنى قەتئىي ھالدا چەكلەش؛ ئىلىم-پەن ئارقىلىق نىشانغا يېتىش، قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بىمارنىڭ ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالىنىپ قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ كۆيۈنۈش يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق بولغان داۋالاش سۇغۇرتىسىنى كۈچەيتىش، ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى، داۋالاپ قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىش، جەمىيەت داۋالاپ ياردەم بېرىش تۈزۈلمىلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئارقىلىق بىمارلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ قانۇن ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا چىڭ تۇرۇش، ئاممىۋى تەرتىپنى جارى قىلدۇرۇش، جەمىيەتنىڭ كەمسىتىشىنى تۈگۈتۈش، بىمارنىڭ داۋالىنىش، ئوقۇش، خىزمەت قىلىش قاتارلىق قانۇنى مەنپەتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلقئارالىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، «ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش» ھەمكارلىق نەتىجىسىنى ئاشۇرۇش؛ ساغلام بولغان خىزمەت تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش، جەمىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت سەۋىيەسىنى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىقلار.

 (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسى تەمىنلىگەن)

يارىپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى