ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
Science ژۇرنىلى: سالجا شۆلگىيىدىكى ئالاھىدە ئاقسىل HIV بىمارلىرى ئەگەشمە كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن
ۋاقتى : 2017-09-14 16:22:47  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

قارا پۇتلۇق سالجا لىمنور كېسىلى باكتېرىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭ شۆلگىيىنىڭ يېڭى ئىشلىتىش رولى بارلىقىنى بايقىدى. بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارالىق ژۇرنال Science Translational Medicine قا بېسىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، پىتتسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قارا پۇتلۇق سالجىنىڭ شۆلگىيىنى تەجرىبە قىلىپ، شۆلگەينىڭ HIV بىمارلىرىدىكى يۈرەك كېسىلى، سەكتە كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغ بىمار قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، شۇڭا تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئارقىلىق شۇنىڭ ئىچىدىكى چېتىشلىق ئېلېمنت مېخانىزىمىنى تېپىپ چىقىپ، بىمار ھاياتىغا تەسىر قىلىدىغان بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، HIV بىمارلىرىنىڭ قېرىش ئالامەتلىرىمۇ بارغانسېرى تېزلەشتۈرىدىكەن، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئورگانىزىمدىكى ياللۇغ ئىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بارلىق مودېل باكتېرىيەلەرنى ناھايىتى ياخشى كۆپەيتەلەيدىكەن، لېكىن بىر خىل ھايۋانات مودېلىدا يۇقىرى دەرىجىدە ئويۇش ھالىتى كۆرۈلمەيدىكەن، ۋاھالەنكى باشقا ھايۋانلارنىڭ مودېلىدا يۇقىرى دەرىجىدە ئويۇش ھالىتى شەكىللىنىپ، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ خەتىرىنى يۇقىرلىتىۋېتىدىكەن. يۇقىرى دەرىجىدە ئويۇش ھالىتى ئىچىدە ياللۇغ خاراكتېرلىك ئاقسىلنىڭ سۈپىتىمۇ Ixolaris داۋالىشىدىن كېيىن كۆرۈنەرلىك چۈشۈش ھالىتىدە تۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، سالجا يۇقىرى دەرىجىدە ئۇيۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرى دەرىجىدە ئويۇش ھالىتى ياكى HIV بىمارلاردا ياللۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يېڭى سەۋەب، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەنە يۇقىرى دەرىجىدە ئويۇش ھالىتى ۋە ياللۇغ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئېنىق بېكىتىدىغان بولۇپ، سالجا شۆلگىيى تەركىبىدىكى بەز تېنى ئاقسىل Ixolaris ياكى HIV بىمارلىرى ئەگەشمە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىنكەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى