ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئاقسۇ شەھىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇتەخەسىسس گورۇپپىسىنىڭ سانلىق مەلۇمات سۈپەت تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى
ۋاقتى : 2017-08-08 16:23:59  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنىڭ سۈپىتىگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشكە ئالاقىدار تېخنىك لايىھەسىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 31-ئىيۇل ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل، ئەيدىز كېسەل بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى فەن قاتارلىق مۇتەخەسىسىلەر ئاقسۇ شەھىرىدىكى مېتادون ۋە خەتەرلىك قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشىگە ئائىت سانلىق مەلۇمات سۈپىتىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ يۈن، ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جۈنخۇي، شەھەرلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى توڭ شىنمىن، شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ شيەن قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. 

   مۇتەخەسىسلەر گورۇپپىسى مېتادون دورا ئالماشتۇرۇش ئامبولاتورېيەسىنىڭ رېتسىپى، دورىلارنىڭ ئىسكىلاتتىن ئېلىپ كىرىلىشى، بىمارلارنىڭ ئەھۋالى، تەكشۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى، ئامبولاتورېيەنىڭ سالاھىيتى، دوختورلار ناركوز دورا بۇيۇملىرى رېتسىپى قاتارلىق مەزمۇنلارغا قارىتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى خەتەرلىك ئادەملەر توپىنىڭ مۇداخىلە سانلىق مەلۇماتى، تەكشۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. كەچتە ئىككى كۆڭۈل ئېچىش ئورنى تەكشۈرۈلۈپ، ئەھۋالغا قارىتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 
سانلىق مەلۇماتنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدىن كېيىن، بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىنكاس چىقىرىلىپ، مۇتەخەسىسلەر ئۇلارنى تېزدىن تۈزىتىشكە، سانلىق باھالاش، بايقاش ۋە ھەل قىلىشقا دائىر خىزمەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ساغلام، مۇكەممەل ئەيدىزدىن ئۇنىۋېرىسال مۇداپىئەلىنىش سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تېخنىكىلىك ئاساس بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. 
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى