ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
شېنجىن شەھىرىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدىن تاللانغان ۋەكىللەر پارىژغا بېرىپ ئەيدىز ئىلىمى يىغىنىغا قاتناشتى
ۋاقتى : 2017-08-07 09:57:00  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   شېنجىن شەھىرىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلار «ئۈچ داڭلىق قۇرۇلۇش» نىشانى بويىچە، ئەيدىز كېسىلى تەتقىقات ئۆمىكىدىكى پىروففىسسور ۋاڭ خۈي، دوكتور تاڭ شيەن ۋە دوكتۇر نيۇ مېڭيۆ قاتارلىق تۆت كىشى 23-ئىيۇلدىن 27-ئىيۇلغىچە بولغان ۋاقىتتا پارىژغا بېرىپ 2017-يىللىق ئەيدىز ئىلىمى يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن ئىلمىي كومىتېتىنىڭ تاللىشى بىلەن دۆلىتىمىز ئۆمىكىنىڭ ئۈچ ئەزاسى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەيدىز كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان مېخانىزىم، ئەيدىز كېسىلى ئىككى ۋالېنتلىق ئانتىتېلا تەتقىقاتى ۋە ئىممۇنىتېت كېسىلىنى داۋالاش تەرەپتىكى مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆپچىلىككە سۆزلىدى. يىغىن ئىككى يىلدا بىر ئېچىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئەيدىز كېسىلىگە دائىر ئېچىۋېتىش خاراكتېرلىك ئىلمىي يىغىن ھېسابلىنىدۇ. 

بۇ نۆۋەتلىك يىغىننى خەلقئارا ئەيدىز كېسىلى جەمئىيتى (IAS) بىلەن فىرانسىيە خەلقئارا ئەيدىز كېسىلى ۋە باكتېرىيە خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى تەتقىقات ئاپپاراتى (ANRS) ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا ئەيدىز ئاساسىي ئىلمىي تەتقىقاتى، ئەيدىز كېسىلى، يۇقۇم ئەھۋالى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئورنى ۋە مۇھىم ئەھمىيتى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ HIV ۋىرۇس ئامبىرى ۋە يوشۇرۇن ۋىرۇسنىڭ تەتقىقات جەريانى، ئەيدىز ۋىرۇسى تەتقىقاتىدا ئېلىپ كەلگەن يېڭى پەن-تېخنىكا ۋە يېڭى تېخنىكا نامايان قىلىندى.   
يىغىن مەزگىلىدە، ئەترەت فىرانسىيە پاستېر تەتقىقات ئورنىنىڭ مىكروب ئىلىمى تەتقىقات ئورنىدىكى پىروففىسسور Lisa Chakrabarti نىڭ تەكلىپىگە بىنائەن فىرانسىيە پاستېر تەتقىقات ئورنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە پىروففىسسور Chakrabarti بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. 
دۆلىتىمىز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىپ بىر تەرەپتىن پۈتۈن دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى نامايان قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنىڭ ئالدىنقى ئەھۋالىنى چۈشەنگەن. بۇ قېتىملىق يىغىن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىگە توغرا بولغان تەرەققىيات نىشانىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۆمەك بىلەن فىرانسىيە پاستېر تەتقىقات ئورنىدىكى پىروففىسسور Chakrabart ئارىسىدا ئىلمىي تەتقىقات ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ناھايىتى تېزلىكتە خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ئورنىتىشتا ئۈمىد بار ئىكەن. 
ئەخمەت قۇربان تەييارلىغان