ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ب د ت ئەيدىزنى داۋالاشنى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۆز قىلدى
ۋاقتى : 2017-07-07 23:08:34  مەنبەسى : nur  يوللىغۇچى : يارپ

 

 20170707101131610.jpg

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىرى ۋە ئەنئەنىۋى تىببىي دورا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. بۇ 2011-يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بېيجىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلغاندىن بۇيان جۇڭگودا 2-قېتىم ئېچىلغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سەھىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت.

ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنى پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇيىس لوۋرېس تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلىپ: «مېنى بۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلغىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت. مەن بۇ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ بەكلا خۇش بولدۇم. تۆۋەندە مەن بىر نەچچە نۇقتىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ بېيجىڭ ۋە باشقا جايلاردا ئېچىلغان كۆپ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتىم؛ ھىندىستان سەھىيە ۋە ئائىلە پاراۋانلىقى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى نادا ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھىندىستاندىمۇ بىر قېتىم يىغىن تەشكىللىدۇق. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارىي قىلدۇردى. تارىختا بىرازىلىيە جەنۇبىي يېرىم شار بويىچە ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان دورىنى ھەقسىز تارقاتقان تۇنجى دۆلەت بولغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ھىندىستاندا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالايدىغان نۇرغۇن دورا ياسالدى، بۇ دورىلارنىڭ %90ى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى؛ رۇسىيەمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنى تۈگىتىشىكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى زور دەرىجىدە كونترول قىلدى. ئىلگىرى بىز ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئافرىقىدىكى، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەھۋالىنىڭ تولىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدۇق. ھازىر جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلدى. جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن ھەمكارلىشىشى مەندە خەلقئارا ھەمكارلىققا نىسبەتەن تېخىمۇ زور ئۈمىد پەيدا قىلدى. ھازىر <بىر بەلباغ، بىر يول> سىياسىتى يولغا قويۇلدى. مەن جۇڭگونىڭ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» 

 20170707101149246.jpg

«سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان 2-تېما كەلگۈسىدە ئەيدىز كېسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسى. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىز بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىرىسلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىمىزنى باكتېرىيەگە قارشى دورىلارغىمۇ ئىشلىتىشىمىز كېرەك؛ چۈنكى ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەر جەھەتتە يڭېىلىق يارىتىشقا، شەخسلەر ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج. مەيلى دورا ئىشلەپچىقىرىشى بولسۇن، مەيلى دورا تەتقىقاتى بولسۇن ھەممىسىدىلا زىچ ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئەيدىزنىلا ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشىمىزغا پايدىسى بار. ھازىر بىز زىكا ۋە باشقا ۋىرۇسلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز بىزنىڭ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىمۇ ھەل قىلىشىمىزغىمۇ ياردەم قىلىدۇ.»

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش جەھەتتە قوللانغان تەدبىرلەر تىببىي ساھەدىكى ئىلگىرىلەش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىجىل تەرەققىيات نىشانىنىڭ (SDG) ئىلگىرىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. SDG جەھەتتە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىمۇ توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. SDG كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمكارلىشىشغا موھتاج. ھازىر بىز ئەيدىز كېسىلى مەسىلىلىرىنى تەرەققىيات مەسىلىسى سۈپىتىدە ھەل قىلىۋاتىمىز. ئەيدىزنى داۋالاش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بۇ جەھەتتە توختىماي ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىدۇق. كېيىنكى قەدەمدە مائارىپ ۋە داۋالاش ساھەسىگە مەبلەغ سالىمىز. داۋالاش ساھەسىدىكى ئىلگىرىلەش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا موھتاج.»