ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
گېرمانىيەدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقىتىدىغان يېڭى ئۇسۇل بارلىققا كەلدى
ۋاقتى : 2016-02-26 10:32:56  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : يارپ

گېرمانىيەدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يوقىتىدىغان يېڭى ئۇسۇل بارلىققا كەلدى

 

شىنخۇا تورى خەۋىرى: گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ 22- فىۋرالدىكى دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە بىر خىل يېڭى ئۇسۇل ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بىمارلانىڭ ئۆز تىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى چىقىرىپ تاشلىيالىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. ئالىملار ھازىر بۇ خىل ئۇسۇلنى ھايۋان تىنىدە سىناق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.
ئەيدىز ۋىرۇسىمۇ باشقا تەتۈر كۆچۈرۈلىدىغان ۋىرۇسلارغا ئوخشاشلا كۆپەيگەن ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئىرسىيەت ماددىسى ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسلىق گېن گۇرۇپپىسى ئۈستىدە تەرتىپكە سېلىنىپ كۆپىيىدۇ. گەرچە نۆۋەتتىكى تەتۈر كۆچۈرلۈشكە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىرىكىشچان ۋىرىسنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن كېسەللىك ۋىرۇسى داۋالاش مەزگىلىدە ئۇخلاش ھالىتىدە تۇرۇپ، داۋالاش توختىغان ھامان يەنە قايتىدىن كۆپىيىپ كېتىدۇ.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالاش ئۇسۇلىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىشنى تامامەن مۇمكىن ئىشقا ئايلاندۇرىدىكەن. نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار ھايۋان تېنىدە سىناق قىلىش ئاساسىدا كېيىنكى قەدەمدە ئەيدىز بىمارى تىنىدە دەسلەپكى كېلىنكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگىلىيە « تەبىئەت.بىئولوگىيە تېخنىكىسى » ژۇرنىلىغا بېسىلغان.