ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
پاھىشىخانىدا گاندۇن ئىشلەتمىگەچكە تۈرمىگە سولانغان ئەيدىز
ۋاقتى : 2015-05-08 12:45:39  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىمارى پاھىشخانىدا گاندون ئىشلەتمىگەچكە تۈرمىگە سولاندى

چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گىرمانىيەدىكى بۇرۇنقى بىر خەلق ناخشىسى ئەتىرىتى Godewind نىڭ ئەزاسى، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىكەن. لىكىن ئۇ تايلانتتا پاھىشخانىغا كىرگەندە قەستەن گاندون ئىشلەتمەي ئەيدىز ۋىروسىنى تارقاتقان، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئالدىنقى كۈنى توققۇز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

سوتچىنىڭ قارىشىچە، 66 ياشلىق Carsten Bohm ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىروسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدىكەن، لىكىن ئۇ 2005-يىلى 5-ئايدىن ئالدىنقى يىلى 11-ئايغىچە پاھىشخانىغا بارغاندا، پاھىشىلەردىن ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرۇپ، گاندون ئىشلەتمەي 4.3 پاھىشە بىلەن جىنسىي سودا قىلغان.

گىرمانىيە ساقچىلىرى ئالدىنقى يىلى Carsten Bohm نى تۇتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ تۇرۇپ تايلاندتا پاھىشۋازلىق قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان، ئۇ يەتتە كىچىك قىزنى، 23 ئۆسمۈرنى يۇقۇملاندۇرغان. سوتچى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭغا توققۇز يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. گىرمانىيە 1993-يىلى قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كىيىن، چىگرا سىرتىدا جىنسىي جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى جازالاشقا ھوقوقلۇق بولغان.