ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىزنىڭ ساقىيىشى
ۋاقتى : 2015-01-14 15:56:53  مەنبەسى : خەۋەر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىزنىڭ ساقىيىشى

 

 ئامېرىكا ياخۇ خەۋەر تورىنىڭ 1-ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز كېسىلىدىن ساقايغۇچى تامزىي رەي بروۋىن، 6-چىسلا  2007- يىلىدىكى غول ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنىڭ ئالدى- كەينىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى  كىشىلەر بىلەن ئورتاقلاشتى ۋە بۇ بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىنىڭ تەپسىلاتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە بىر مېدېتسىنا ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ بۇ جەرياندىكى ئىشلارنى تەپسىلى بايان قىلدى. بۇ مۆجىزە خاراكتېرلىك ئوپراتسىيە ئۇنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي يەنە تارىخ ياراتتى، مۇھىمى مېدېتسىنا ساھەسىدە يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
  بروۋىن 1995-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز دەپ دېئاگىنوز قويۇلغان، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى بېرلىندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. 2006-يىلىنىڭ بىر كۈنى، ئۇ يولدا ۋېلىسپىت مىنىپ كېتىپ بېرىپ، تۇيۇقسىز قاتتىق چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلدى ۋە يېرىم يولدا توختاپ ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن ئازراق دەم ئېلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى، ئۇ ئۆزىنى  يەنىلا  بەكلا ماغدۇرسىز ھېس قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئالدىدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ ياردەم تەلەپ قىلدى. دوختۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى موقۇملاشتۇردى.
بروۋىن ماقالىسە مۇنداق يازدى : «ئۇ ۋاقىتتا دوستۇم ئىككىمىز ئۆيۈمگە يېقىن يەردىكى بېرلىن ئونۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى بىر دوختۇرخانىنى تاللىدۇق، دوستۇم دوختۇرخانىغا تېلفۇن قىلدى، تېلىفۇن ئۇلانغاندىن كېيىن دوختۇر گېرو خۇتتېر پەقەت بىر ئېغىزلا گەپ قىلدى: < ئۇنى ئېلىپ كېلىڭ>.» ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى دوختۇر خۇتتېر ئۇچرىغانلىق بروۋىننىڭ ئەڭ چوڭ تەلىيى ئىدى.  
  دوختۇر خۇتتېر بروۋىنغا ئۈچ باسقۇچلۇق خېمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ باردى، شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا كۆچۈرۈش ماس كېلىدىغان غول ھۈجەيرە ئىزدىدى، تاسادىبىيلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشتى. بروۋىن ماقالىسىدە يەنە مۇنداق يازدى، «نۇرغۇنلىغان بىمارلار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ھۈجەيرىگە ئىگە ئادەم تاپالمايدۇ، لېكىن ماڭا 267 سى تېپىلدى.» ماس كېلىدىغانلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇر خۇتتېر ئەڭ مۇۋاپىق ھۈجەيرىنى تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىدى، ئۇنىڭ تاللىغنى CCR5-د تىپلىق-32 لىك  ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرگەن ئالاھىدە ھۈجەيرە ئىدى، ئېيتىلىچە بۇ خىل ھۈجەيرە ئادەم بەدىنىنى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ.     ماھارەتلىك ۋە قابىليەتلىك دوختۇر بروۋىننىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمىدى، دوختۇر خۇتتېر 60 تىن ئارتۇق ھۈجەيرە ئىئانە قىلغۇچىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن  ئاخىر بۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگەرگەن ھۈجەيرە ئىگىسىنى تېپىپ چىقتى.
   بروۋىن مۇنداق دېدى،«مەنمۇ، دوختۇر خۇتتېرمۇ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا بۇنداق بىر بۆسۈشنىڭ بولىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدۇق.» ئەمەلىيەتتە، دەسلەپتە بروۋىن يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرۇشنى خالىمىغان. «مەن دوستۇمغا، ئۆيۈمدىكىلەرگە ۋەدرېزدېندىكى بىر يىلىك كۆچۈرۈش مۇتەخەسسىگە يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسى قىلدۇرغۇم يوقلۇقىنى ئېيىتتىم، مېنىڭچە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى، مەن داۋامىلىق دورىغا تايىنىپ ياشىيالايتىم. چۈنكى ئوپراتسىيەنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى% 50 ئىدى، مەن بىر <تەجىربە چاشقىنى> بولۇشنى، تەۋەككۈچىلىك بىلەن قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى بۇ ھايات-ماماتلىق ئوپراتسىيەنى قىلدۇرۇشنى خالىمايتىم.»
  لېكىن قىسقا ۋاقىتلىق مۇقىم داۋالاشتىن كېيىن، 2007-يىلى كېسەل يەنە قايتا قوزغالغاچقا، بروۋىننىڭ ئوپراتسىيەنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئامالى بولمىدى. ئوپراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ئۇ بۇرۇن يەۋاتقان دورىلارنى يېيىشتىن توختىدى. 3 ئايدىن كېيىنكى قان تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ بەدىندىكى ئەيدىز ۋىروسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقى ئىسپاتلاندى! ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن ساق بىر يىلغىچە بۇ ئىشقا ئىشىنەلمەي يۈردۈم،  ئويلىمىغان يەردىن مەن ھەقىقەتەن ساقايدىم، قايتا خىزمەتكە چىقالىدىم، تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ كېلەلىدىم!» گەرچە ئىككىنجى قېتىملىق يىلىك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشنى بەك كەينىگە سۈرىۋەتكەن، ھەم سەل قىيناپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىروسى قەتئىي قايتا بايقالمىدى.
  2013-يىلى تەتقىقاتچىلار مىننېسوتا شىتاتىدىن كەلگەن بىر بوۋاقنى داۋالاشتا، بروۋىننىڭ دوختۇرى-خۇتتېرنىڭ ئۇسۇلىنى سىناپ باقتى، يەنە بىر قېتىم مۆجىزە يارىتىلدى. ئۇلار بۇ «2-نۇمۇرلۇق كېسەل» دەپ ئاتالغان كىچىك بىمارغا تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن ھۈجەيرىنى كىندىكتىن قان ئېلىپ كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى ئېلىپ باردى. لېكىن، 2014-يىلى 7-ئايدىكى تەكشۈرۈشتە، ئالىملار ئوپراتسىيەدە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن نەتىجىگە  ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايقىدى. پەقەت يەنە توختىماي ئىزدىنىشكە توغرا كەلدى.
  بۈگۈنكى كۈندە ھاياتى كۈچى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بروۋىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ھېچقانداق ئاۋارچىلىقىغا ئۇچرىمىدى، ئۇ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان20 يىلدىن بېرى، ئالىملارنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تەتقىقاتلىرىغا ئىزچىل ماسلىشىپ ۋە ياردەم بېرىپ كەلدى. 2012-يىلى ئۇ يەنە تامزىي رەي بروۋىن فوندىنى تەسىس قىلدى، ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن  قۇرۇلغان بۇ فوندىي جەمئىيەت دۇنيادىكى ئەيدىز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بروۋىن مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئىشلىرىمنى تاكى ئەيدىز ۋىروسى تەلتۆكۈس مەغلۇپ بولغۇچە ھەرگىز توختاتمايمەن!»