ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
تۇغماسلىققا قارىتا داۋالانغان چېخلىق ئانا بىراقلا بەش كېزەك يەڭگىدى
ۋاقتى : 2018-05-29 17:57:08  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 27-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چېختىكى جەمىي (Jamie) ئىسىملىك ئايال ھامىلدار بولۇپ يەتتە ئايلىق بولغاندا ئوڭۇشلۇق ھالدا بەش كېزەك يەڭگىگەن.

جەمىي بىلەن سىكايلېر سىكوت (Skyler Scott) ئىزچىل چوڭ ئائىلىسى بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى. دەسلەپتە ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولدى، بىراق، يەنە بىر بالىلىق بولۇشنى ئويلىغاندا جەمىينىڭ يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولۇشىنىڭ قىيىنلىقى بايقالدى.

ئۇلار بەش يىل كۈتكەن بولسىمۇ يەنە بىر بالىلىق بولۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغانلىقتىن، داۋالىنىپ 2-باسقۇچىغا كەلگەندە ئاخىرى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى.

ئىككى بالىغا ئانا بولغان جەمىي قورسىقىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قورسىقىدىكىنىڭ بىرلا ئەمەس، ئىككى، ھەتتا ئۈچلۈكىنى ھېس قىلدى. بىراق، ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرلار تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ بەش كېزەككە ھامىلدار بولغانلىقىنى بايقىدى.

دوختۇرلار تەكشۈرگەندىن كېيىن بەش كېزەكنىڭ نورمال يېتىلىۋاتقانلىقىنى، بىراق، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەمىينىڭ ھەر كۈنى كۆپ مىقداردا ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. جەمىي ھامىلدارلىقىنىڭ 5-ئېيى ئاساسىي جەھەتتىن مىدىرلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى.

شۇنىڭ بىلەن بوۋاقلار مۇددەتتىن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بۇرۇن تۇغۇلدى، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 0.5 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتمىدى.

مېدىتسىنا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇغماسلىققا قارىتا داۋالانغاندا كۆپ پەرزەنتلىك بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدىكەن، بىراق، جەمىيگە ئوخشاش بەش كېزەككە ھامىلدار بولىدىغانلار، بولۇپمۇ بەش كېزەكنىڭ ھەممىسى ھايات قالىدىغان ئەھۋال ئاز ئۇچرايدىكەن.

74e6fd15ba9e95540f5ea343761fa2cc.jpg