ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
گۇاڭجۇ فۇئەندە «زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش» تەشۋىقات پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى
ۋاقتى : 2017-09-06 15:43:19  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەربىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياش –ئۆسمۈرلەرنى زەھەردىن يىراق تۇرۇش «27-ئىيۇن» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ زەھەرگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، زەھەرنى تونۇتۇپ، زەھەرنى رەت قىلىش ئىدىيەسى ۋە زەھەرلىك بۇيۇملارغا قارشى تۇرۇپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 25-ئاۋغۇست گۇاڭجۇ فۇئەن شەھەرلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى ئىستۇدېنتلارنىڭ يازلىق تەتىلىدىن پايدىلىنىپ، ئىستۇدېنتلارنى يېزىغا چۈشۈرۈپ، «زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش» تەشۋىقات پائالىيتىنى قانات يايدۇردى.
   25-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، نىڭدې كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ئۇچۇرلاشقان تېخنىكا ۋە قۇرۇلۇش فاكولتېتىنىڭ 40 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىسى زەھەر چەكلەش پىدائىيلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، فۇئەن شەھەرلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بازىسىغا كېلىپ ئېكىسكۇرسىيە پائالىيتىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە فۇئەن شەھەرلىك زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى ئىشلىگەن يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە فىلىمنى كۆرگەن.
   پائالىيەتتە، پىدائىيلار ۋە زەھەر چەكلەش ساقچىلىرى فۇئەن شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى مەيدانىدا، ئىككى كودنى سىكاننېرلاش ئارقىلىق مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاب پائالىيتىنى قانات يايدۇرغان. ھەمدە بۇ ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىگە زەھەرنىڭ زىيىنىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۈگەتكەن.
   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىستۇدېنتلارنىڭ «زەھەر چەكلەپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش» پائالىيتىنىىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەرگىچە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى