ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ئىقتىدار خاراكتېرلىك ساقىيىشى»
ۋاقتى : 2017-08-24 22:05:54  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

20170824135518540.jpg

جۇڭگو ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارىژدا ئېچىلىۋاتقان 9-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەيدىز كېسىلى يىغىنىدا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر ئەيدىز ۋىرۇسى تەتقىقات ئورنى تۆۋەندىكىلەرنى جاكارلىغان: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى 9 ياشلىق ئەيدىز بىمارى ھېچقانداق دورا يېمەي، داۋالانماي تۇرۇپمۇ مۆجىزىلەرچە ئۆزلۈكىدىن «ساقىيىپ» قالغان. بۇ تارىختىن بۇيان ئاساسىي جەھەتتىن داۋالانمىغان ئەھۋالدا ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالغان ئافرىقا بويىچە تۇنجى، دۇنيا بويىچە 3-ئەيدىز بالا. يۇقىرىدىكىسى ئەمەلىيەتتە ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ئىقتىدار خاراكتېرلىك ساقىيىشى» بولۇپ، ئۇ «ئۆزلۈكىدىن ساقىيىش»مۇ، «تۈپتىن ساقىيىش»مۇ ئەمەس.

ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ئىقتىدار خاراكتېرلىك ساقىيىشى» ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار داۋالىنىشنى توختاتقاندىن كېيىن گەرچە تەن ئىچىدە ئاز مىقداردا ۋىرۇس بار بولسىمۇ، ئەمما پۈتۈنلەي كونترول قىلىنغانلىقى ھەمدە دائىملىق ئۇسۇلدىن پايدىلانغاندا تەكشۈرۈپ بايقاش قىيىنلىقىنى، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالارنىڭ فۇنكىسىيەسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش ياشانغۇچە تۇرمۇش كەچۈرەلەمدۇ؟

شۇنداق! بالدۇر تەكشۈرتۈپ، بالدۇر داۋالانغاندا مۇشۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.