ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلار قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟
ۋاقتى : 2017-08-24 09:39:31  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 20170823173511150.jpg

ئىككى يىل ئىلگرى «ئەڭ قايغۇلۇق ماقالە» ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ نەزىرى سىچۈەن لياڭشەنگە چۈشتى. چۈنكى بۇ جايدا نامراتلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەۋج ئالغان، نۇرغۇن قاۋۇل ياشلار ئەيدىز كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىپ، نۇرغۇن يېتىم ئەيدىز بالىلارلا قالغانىدى.

ئادەمنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدىغىنى بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇغما ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى ئىدى. ئەجىبا ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاش 30 نەچچە يېشىدىلا ئۆلۈپ كېتەرمۇ؟

 

20170823182539323.jpg

مۇشۇ بالىلارغا ئوخشاش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلار قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارمۇ خېلى ئۇزۇن ياشىيالايدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق ئەيدىز كېسىلى بولغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەيدىز كېسىلى، يەنى ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى.

20170823182605759.jpg

داۋالانمىغان ئەھۋالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە ئۆزگىرىشىگە 10-5 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىمارنىڭ جېنىنى بىۋاستە ئالماستىن، بەلكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يوقىتىۋېتىدۇ. ھەر 200 مىللىلېتىر قان تەركىبىدىكى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ (ئاق قان ھۈجەيرىسىنىڭ بىر خىلى) 200دىن تۆۋەنلەپ كەتكەندە بىمارغا رەسمىي ئەيدىز كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەتتىكى ئۆپكە تۇبېركليۇزمۇ ئاسانلا ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرۇۋېتەلەيدۇ.

لياڭشەندىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ داۋالاش چىقىمىنى كۆتۈرگۈدەك ئىقتىدارى يوق، داۋالىنىش قارىشى تۆۋەن بولغاچقا ئاخىرىدا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئەسلىدە خېلى ئۇزۇن ياشىيالايتتى.

timg.jpg

ئۇنداقتا، ئۇلار زادى قانچىلىك ۋاقىت ياشىيالايدۇ؟

20170823182658286.jpg

ئېنىق جاۋابىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. چۈنكى ئەيدىز كېسىلى بايقىلىپ ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىل ئىچىدە ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق «ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر»نىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانمىدى. ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئامېرىكىلىق كومپوزىتور جېررىي خېرمانغا 1985-يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ھازىر ئۇ 86 ياشقا كىردى. يەنى ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 32 يىل ياشىدى. بۇ سان يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاساسلىق قارايدىغىنىمىز تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمرىگە بولغان پەرىزى. تۆۋەندىكى گىرافىكتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ پەرىزىي ئۆمرىدە 1996-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

20170823182725451.jpg

بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورىلار ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ (ART) ئىجاد قىلىنغانلىقى. بۇ ئۇسۇل نۆۋەتتە باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىمارنىڭ بەدىنىدە كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرۇش، قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى ئازايتىش ئارقىلىق كېسەل قوزغىلىش ۋاقتىنى ئارقىغا سۈرۈش، ھەتتا كېسەللىك ھالىتىگە تەرەققىي قىلمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈزۈش.

20170823182759275.jpg

2014-يىلىدىكى بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ناۋادا بالدۇرراق ART داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ پەرەز قىلىنغان ئوتتۇرىچە ئۆمرىگىچە ياشىيالايدىكەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2015-يىلى جۇڭگولۇقلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە پەرىزىي ئۆمرىنىڭ 76 ياش بولىدىغانلىقىنى سىتاستىكا قىلىپ چىقتى. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ پەرىزىي ئوتتۇرىچە ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن.

بىراق، ART داۋالاش ئۇسۇلى ھەممىگە شىپا قىلىۋەرمەيدۇ. لياڭشەندىكى يېتىم ئەيدىز بالىلار 76 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك:

20170823182814550.jpg

1. ۋاقتىدا داۋالىنىش. ھەر 200 مىللىلېتىر قان تەركىبىدىكى CD4 ھۈجەيرىسىنىڭ سانى 200دىن تۆۋەن بولغاندا داۋالاش باشلانسا پەرىزىي ئۆمۈر ئەڭ كۆپ بولغاندا 22 يىل قىسقىراپ كېتىدۇ.

20170823182908163.jpg

2. بىر ئۆمۈر داۋالىنىشقا كاپالەتلىك قىلىش. ۋاقتىدا دورا يېيىش، قەرەللىك ھالدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش. ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرۈشتىن چىقمىغۇدەك دەرىجىدە كونترول قىلىش ھەمدە ئۆپكە تۇبېركليۇز قاتارلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى يۈز بېرىشىگە دىققەت قىلىش.

20170823182921688.jpg

3. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش. زەھەر چەكمەسلىك كېرەك. چۈنكى زەھەر چەككەندە ئۆمۈر 20 يىل ئازىيىپ كېتىدۇ.

تاماكا چەكمەسلىك. تاماكا چەككەندە ئۆمۈر 12 يىل ئازلاپ كېتىدۇ. ئوزۇقلۇقلۇقلارنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن ئۆرگىلى بولىدۇ.

يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا، جۇڭگودىكى ئەيدىز بىمارلىرى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 76 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

بۇ ساننى تېخىمۇ يۇقىرىلاتقىلى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىدە رايون ۋە جىنس پەرقى بولىدۇ. مەسىلەن شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن. شاڭخەي شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى چىقارغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى شاڭخەي شەھەر ئاھالىلىىرنىڭ ئوتتۇرىچە پەرىزىي ئۆمرى 82.75 ياش بولغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارنىڭ 85.09 ياش، ئەرلەرنىڭ 80.47 ياش بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى 80 يىلدىنمۇ ئۇزۇنراق ياشىيالايدۇ دەپ ئېيتالايمىز.

20170823182940289.jpg

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 80 ياشقىچە ئۆمۈر كۆرۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كارىۋاتتىن چۈشمەي ياشىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ART داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ياردىمىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار نورمال ئادەملەردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، يەنە تېخى نورمال ئەمگەك قىلالايدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلاردىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋادىن يۇقمىغانلىقتىن ئۇلار بىلەن نورمال ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ.

20170823182959172.jpg

بىراق، بىپەرۋالىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. نۆۋەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدىغان ئامال يوق. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.