ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
دۇڭپو رايونىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە بىلىمگە ئىگە بولدى
ۋاقتى : 2017-05-09 13:10:15  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   2017-يىلى 3-ماي، سىچۈەن ئۆلكىسى مېيشەن شەھىرى دۇڭپو رايونىدا يۆشىن تولۇقسىز 1-، 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بازارلىق ھۆكۈمەت زالىدا مۇتەخەسىسلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن ئەيدىز كېسىلىگە ئالاقىدار بىلىملەر ۋە ياشلىق دەۋرىدىكى ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدىكى سۆھبەت يىغىنىنى ئاڭلىدى.
  ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە زالغا كىرىپ مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغان. بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئىككى تەرەپكە چېتىلىدىغان بولۇپ، بىرى، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى، يەنە بىرى، ياشلىق مەزگىلىدىكى ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەيدىز توغرىسىدا مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، ئۇلار ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە ھەربىر كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن.
 مۇتەخەسىسلەرنىڭ نۇتقى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىغان، ھەمدە چۈشەنمىگەن يەرلىرىنى دادىللىق بىلەن سورىغان. مۇتەخەسىسلەرمۇ سۇئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى