ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
جۇڭگونىڭ ئەيدىز ئەھۋالى
ۋاقتى : 2012-09-07 16:15:21  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەقسەت

    دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارى 780 مىڭغا يەتكەن.
      ياشانغان ئەرلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئاشقان .




خەلق تورىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن

 بەرگەن خەۋىرى. 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئەجنەبىي كېلىن- كۈيئوغۇل»لاردىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىپ، ئاللىقاچان دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىدىن مۆلچەر» دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھايات بىمار 780 مىڭ نەپەر بولۇپ، شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى 48 مىڭ نەپەر، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلار 28 مىڭ نەپەر ئىكەن.


 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 780مىڭ نەپەر ھايات بىمار ئىچىدە ئاياللار %28.6 بولۇپ، ئەيدىز بىمارى 154 مىڭ نەپەر، يۇقۇملانغان بارلىق ئادەملەر ئىچىدىكى نىسبىتى %0.58 ئىكەن. 2011-يىلى شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 48 مىڭگە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن
  تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 780 مىڭ نەپەر بىمار ئىچىدە يات جىنىسلار ئارا تارقالغانلارنىڭ نىسبىتى % 46.5،  ئوخشاش جىنىسلار ئارا تارقالغانلار %17.4، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۇكۇل قىلىشتىن يۇققانلار %28.4، قان بېرىش، قان سېلىش ۋە باشقا قان ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇققانلار %6.6، ئانىدىن بالىغا يۇققانلار %1.1 ئىكەن. 

مەنبەسى:    خەلق تورى