ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
شىنجاڭدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئەھۋالى
ۋاقتى : 2012-12-07 16:20:51  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : مەقسەت

 ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ ئەھۋالى


  ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2011-يىلى «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە ئالاقىدار ئۇقتۇرۇشى»نى چىقارغان.مەركەزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەخسۇس تۈر خىزمىتىگە ئاجراتقان مەبلىغى 120مىليۇن يۈەننى جايىغا ئىشلەتكەن، ئاپتونوم رايۇنىمىزمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا 5 مىليۇن يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقان.

  ھازىر ئاپتونوم رايۇنىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش تەربىيەسى، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش، ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە پۇرسەت خارەكتېرلىق يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئەيدىزنى داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن.

  بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى 55 ناھىيە(شەھەر، رايۇن) ئەيدىز ۋىرۇسىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئەيدىزنى داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان.داۋالانغان قورامىغا يەتكەن ئەيدىز ئاغرىقى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىللىدىكىن %102.8ئاشقان.«ھامىلدار بولغانلىكى ئايالنى چوقۇم تەكشۈرۈش»خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئەيدىز تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان ئايال 300 مىڭدىن ئاشقان. ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ 40 ناھىيە(شەھەر، رايۇن)دىكى 31مەھەللىدە دورا بىلەن قامداپ داۋالاش ئامبۇلاتۇرىيىسى ۋە 35 دورا بىرىش نۇقتىسى قۇرۇلغان.

  بۇ يىل سىنتەبىرنىڭ ئاخىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزغا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز ئاغرىقى 40 مىڭ 110 بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ئاغرىقى 8600 ئىكەن، 5929ئەيدىز ئاغرىقى قازا قىلغان.مۆلچەرىنىشىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 60مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.يۇقۇملانغۇچىلار ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست،شەھەر)لەرگە تارقالغان.بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق رايۇنلار، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار پۈتكۈل ئاپتونوم رايۇنىمىز ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئومۇمى سانىنىڭ %83.2 ئىگىلىگەن.