ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
قەلبلەر ئالاقىسى، كۆڭۈللەر رىشتىسى
ۋاقتى : 2011-11-11 10:30:10  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى  يوللىغۇچى : رەشىدە ھەبىبۇللا

         ئۇلار ئوخشىمىغان رايوندا ياشىغان، كىشىلىك ھايات سەرگۈزەشتىسى، ياش قاتلىمى، مىللىتىمۇ ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۇلار كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى قايتا نامايان قىلدى.

    بۈگۈن گېزىتىمىزدە ‹‹شېنجېنلىق مېيىپ دوستلار ۋە 68 ئۇيغۇر قېرىنداش›› سەرلەۋھىلىك خەۋەر بېرىلدى، بۇنىڭدىن بىز قەشقەردە جەم بولغان، مىللىتى ئوخشىمايدىغان مېيىپ دوستلارنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى، شادلىققا چۆمگەن ئائىلە كەيپىياتىنى، تېخىمۇ مۇھىمى چىن يۈرەكتىن ئالاقە قىلىش جەريانىدىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى، بىر – بىرىدىن سۇ ئىچكەن كۆڭۈللەردىن تېخىمۇ قويۇقلاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆرۈۋالدۇق.

    مېيىپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، توختىماي ئىلگىرىلەش روھى بەكمۇ قىممەتلىك. ئەمما ھاياتلىق يولىدىكى خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كىشىلىك ھايات مۆجىزىلىرىنى ياراتقان شېنجېنلىق مېيىپ دوستلارنىڭ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش سەمىمىي ھېسسىياتى، مېيىپ پۇقرالار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ قۇرغان كارخانا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ساپ قەلبىنى، يەنى ‹‹مېيىپ دوستلارنىڭ قەشقەرگە كېلىپ، ئۇيغۇر مېيىپ دوستلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلىشقا ئۈندەشتىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھى›› تېخىمۇ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ.

    بىراق، ناتونۇش مۇھىتتا، بۇ جاينىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە قانداق ماسلىشىش كېرەك؟ ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدا قانداق ئالاقە قىلىش كېرەك؟

    شېنجېن مېيىپ دوستلار گۇرۇھىدىكى ئەزالار، ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار بىر – بىرىنى چۈشىنىپ، بىر – بىرىگە مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ، تەبەسسۇم ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق قەلب ساداسىنى ئىپادىلىسىلا، قەلب بىلەن ئالاقە قىلىپ، كۆڭۈلدىن مەمنۇن بولغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

    قەلبلەر ئالاقىسى دوستلۇق كۈچى بىلەن يۇغۇرۇلغان. شېنجېنلىق مېيىپ دوستلار گۇرۇھىدىكى ئەزالار قەشقەردىكى ئۇيغۇر مېيىپ دوستلارغا مەقسىتىنى، خۇشاللىقىنى، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى چىن قەلبىدىن ئىپادىلىدى.

    قەلبىلەر ئالاقىسى پەرۋاز قىلىشنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. قەشقەرلىك مېيىپ دوستلارنىڭ دېھقانلار ئېلېكتىرونلۇق سودا تۈرىنى بىمالال، پىششىق ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ھاياتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ھېس قىلدۇق؛ مېيىپ دوستلار ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغانلىقىنى كۆرگەندە، كىشىلىك ھاياتتىكى قەيسەرلىك ۋە خۇشاللىقنى، شېنجېنلىق، قەشقەرلىك مېيىپ دوستلارنىڭ بىر نىيەتتە ئىگىلىك تىكلەپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھەقىقىي مۇھەببەتنى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

    ‹‹شېنجېنلىق مېيىپ دوستلار›› ۋە 68 ئۇيغۇر مېيىپ قېرىنداشنىڭ ئىش – ئىزلىرىدىن مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، بوشاشماي ئىلگىرىلەش روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، دوستانە ئۆتۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قان بىلەن گۆشتەك قويۇق مىللىي دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش گۈزەل ئارزۇ – ئارمىنىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزىمىزنى توختىماي ئىلھاملاندۇرۇپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىپ، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئىناق قىلىپ، دۇنيانى مۇھەببەتكە تولدۇرايلى

 

-----------تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى-----------