ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
غۇلجىدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى : 2016-06-23 18:02:29  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

غۇلجىدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

 

2016ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 23ـ كۈنى، گۈزەل ئائىلە پىدائىيلار ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى، 2013-يىلى 3-نۆۋەتلىك "مەملىكەت بويىچە ئەل ئىچى ئون مۇنەۋۋەر زەھەر چەكلەش ئەربابى"، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق "4-ماي" ياشلار مىدالىغا ئېرىشكۈچى، زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى ۋە پىدائىسى، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ سابىق مۇدىرى، ھازىر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەرىتە سىزىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان زاھىدە تۇرسۇن غۇلجىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇغۇت دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تېخى ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان قۇچاقتىكى بالىسى بولۇشىغا قارىماي، غۇلجا ناھىيەسى دۇلان يىزىسىدا بىر مەيدان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش توغرىسىدا لىكسىيە ئۇيۇشتۇردى.

 

لىكسىيەگە دولان يىزىسىدىكى 100 گە يېقىن ئامما قاتناشتى. دولان يېزىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خەلق ئاممىسى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن قايىل بولۇشۇپ بەس-بەستە تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.
غۇلجىدا زەھەر چېكىش ۋە شۇ سەۋەپلىك ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر بولغاچقا، "26-ئىيۇن" خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى كېلىش ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ھەقىقەتەن ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتكە ئايلانغان ئىدى.