ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەردىن قول ئۈزەلىگەن ئابدىغېنى
ۋاقتى : 2015-07-28 10:28:12  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
چىن نىيەتتىن قىلساڭ پەرھىز، زەھەردىن يىراق بولىسەن شەكسىز



 


  ئابدۇغېنى زەھەر چېكىپ ئوغرىلىق قىلغان ھەم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇلغان ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىلگەن، دادىسى ئۇنىڭدىن تانغان، خوتۇنى قىزىنى ئېلىپ كېتىپ قالغان.
   ئۇ زەھەردىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزۈشكە قەتئىي ئىرادە باغلىدى، جاپالىق تىرىشىش نەتىجىسىدە، زەھەردىن 14 يىل پەرھىز تۇتۇپ، كەسىپكە ۋە ئائىلىگە ئېرىشتى. ھازىر ئۇ زەھەر تاشلاشنى تەشۋىق قىلغۇچى پىدائىي بولۇپ، زەھەر تاشلاشقا ئىرادە قىلغان كىشىلەرنىڭ زەھەرنى قايتا چېكىۋالماسلىقىغا ياردەم بەرمەكتە.
   زەھەر خۇمارى تۇتقاندا، ئۇ ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان
   ئابدۇغېنى 25 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، شىنجاڭ ‹‹غەربىي دىيار قۇياش نۇرى›› زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىگە كېلىپ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەم بۇرۇنقى نومۇسلۇق ئۆتمۈشىنى ئىككىلەنمەيلا سۆزلەپ بەردى.
   ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىرىم ناھايىتى قالايمىقان ۋە ئازابلىق. مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ھازىر 38 ياشقا كىردىم، ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپلا زەھەر چېكىشكە باشلاپ، ئۈچ قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپ مەجبۇرىي زەھەر تاشلىدىم ھەم ئىككى يىل ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەندىم. دەسلەپتە زەھەرنىڭ زىيىنىنى بىلمەيتتىم، قىزىقىپ ھەم مودا قوغلىشىپ زەھەرگە بېرىلدىم، ئەينى ۋاقىتتا، ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى خېلى ياخشى بولغاچقا، پارچە خىراجىتىمگە زەھەر ئېلىپ چەكتىم، خىروئىن دېگەن بۇ نەرسىنى چەكتىڭىزمۇ خۇمار بولۇپ قالىدىكەنسىز، خۇمار بولدىڭىزمۇ ۋەيران بولىدىكەنسىز.
   بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتىر، ئېغىرلىقى 80 نەچچە كىلوگىرام كېلىدىغان ئابدۇغېنى زەھەرگە بەك قاتتىق خۇمار بولغان ۋاقىتتا، ئورۇقلاپ 40 نەچچە كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغانىدى.
   زەھەر چېكىشكە باشلىغان ۋاقىتتا، ئاتا – ئانام زەھەر چېكىدىغانلىقىمنى بىلمەيتتى، شۇڭا ‹‹مۇئەللىم كىتاب سېتىۋېلىڭلار دەيدۇ››، ‹‹كىيىم سېتىۋالاتتىم››، ‹‹دوستلىرىم بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزەتتىم›› دېگەندەك يالغان – ياۋىداق گەپلەر بىلەن ئۆيدىكىلەردىن پۇل ئالاتتىم، بۇ پۇللارغا خىروئىن ئالاتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئايدا دېگۈدەك ئاتا – ئانامدىن 2000 يۈەن ئۆپچۆرىسىدە پۇل ئېلىپ زەھەر چېكەتتىم.
   مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خىزمەت تېپىپ، توي قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئابدۇغېنى ئوغرىلىقچە زەھەر چېكىپ كەلدى، كېيىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپ ئۈچ قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلىدى. زەھەرنى دەسلەپ تاشلىغان ۋاقىت ئىنتايىن ئازابلىق ئىدى، ھەر قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلىغاندىن كېيىن، بەدىنىنىڭ زەھەرگە بولغان خۇمارىنى تەدرىجىي يېڭىشكە باشلىدى. لېكىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن يېنىپ چىقىپ، زەھەر چېكىۋاتقان ئاغىنىلىرىنى كۆرۈپلا، يەنە خۇمارى تۇتۇپ، زەھەرنى قايتا تېپىۋالدى.
   ئۇ ۋاقىتتا، خىروئىندىن يىراقلاشقان ئابدۇغېنى ئۆلۈۋالماقچى بولدى. ‹‹زەھەر تاشلاش جەريانى ئىنتايىن ئازابلىق ئىدى، يولدا كېتىۋاتقاندا، خۇمار تۇتۇپ كەتكەندە بىرەر ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغۇم كېلەتتى. ھەتتا بىر قېتىم كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، ئانامنى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىغىمۇ كەلدىم›› دېدى ئابدۇغېنى.
   ھەر قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرىپ قالغاندا، ئاتا – ئانىسىغا كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتىم، دەپ يالغان ئېيتاتتى. ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەنگەن ئىككى يىلدا ئۇ بۇ ئىشىنى زادىلا يوشۇرالمىدى. ئۆيىدىكىلەر ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، دادىسى ئاچچىقىدىن بۇنداق ئوغلى بارلىقىدىن تاندى، ئانىسى ھەر قېتىم ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە، ئوغلىنى كۆرۈپلا يىغلاپ ئايلىنىپ قالاتتى، ئۇمۇ ئوغلىنىڭ زەھەر چەككەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئوغلىدىن ئۈمىدىنى ئۈزدى. ئابدۇغېنىنىڭ خوتۇنى ئۇنى بىرەر قېتىممۇ يوقلاپ كەلمىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بويىدا بار ئىدى.
   قاباھەتلىك چۈشتىن ئويغىنىپ، زەھەرنى ئۈزۈل – كېسىل تاشلاپ، بەختلىك تۇرمۇشقا قايتا ئېرىشىش
   ئابدۇغېنى 2001 – يىلى ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدىن يېنىپ چىقىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى مۇنداق ئۈچ شۇم خەۋەر ئىدى: بىرى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ زەھەر چەككەن ئۈچ ئاغىنىسى زەھەر چېكىپ ئۆلگەن ئىدى؛ ئىككىنچىسى، خوتۇنى ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلدى؛ ئۈچىنچىسى، ئۇنىڭ بىلەن تېخى يۈز كۆرۈشمىگەن، ئەمما چۈچۈك تىلى چىقىپ، ئۇنى ‹‹دادا›› دەپ چاقىرغان قىزىنى خوتۇنى ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئازابلاندى، شۇڭا ئۇ زەھەرنى ئۈزۈل – كېسىل تاشلاش ئىرادىسىگە كەلدى.
   ئۇ زەھەر چېكىدىغان بارلىق ‹‹ئاغىنىسى››دىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، يېڭىباشتىن خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتى.
   بىراق بۇ جەريان ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئۇ ھەر قېتىم خىزمەت ئىزدەپ بارغاندا، خىزمەتكە قوبۇل قىلىدىغانلار ئۇنىڭ زەھەر چەككەنلىك تارىخىنى ئاڭلاپلا كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلدى.
   بۇ جەرياندا زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى كادىر – ساقچىلار ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسىغا خىزمەت ئىشلەپ، ئوغلىنىڭ زەھەر تاشلاپ قايتىدىن ئادەم بولۇش ئىرادىسىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشكە نەسىھەت قىلدى.
   ئاتا – ئانىسىنىڭ ياردىمىدە، ئابدۇغېنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كىيىم – كېچەك دۇكىنى ئاچتى. تىجارەت باشلىغان تۇنجى كۈنى ئۇ بىر ئىشتان سېتىپ 30 يۈەن پايدا ئالدى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى.
   ئۇ كېيىن دوستلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھاۋالىلىك مال توشۇش ئورنى قۇردى، ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، تىجارىتى ئاستا – ئاستا يۈرۈشۈپ كەتتى. ھازىر ئۇنىڭ ھاۋالىلىك مال توشۇش ئورنىدا ئۈچ خىزمەتچى ئىشلەيدۇ، ئۆزىمۇ ‹‹كىچىك خوجايىن››غا ئايلىنىپ، ئېيىغا ئون نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدۇ.
   ئابدۇغېنى پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئاتا – ئانىسىغا 180 كىۋادرات مېتىرلىق بىنا ئۆي ئېلىپ بېرىپ، ئاتا – ئانىسىنىڭ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇردى، كېيىن ئۇ ھازىرقى خوتۇنى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدى، ھازىر ئوغلى بەش ياشقا كىردى.
   ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: تويدىن ئىلگىرى، ھازىرقى خوتۇنۇمغا زەھەر چەككەنلىكىمنى، ئوغرىلىق قىلغانلىقىمنى، بىراق ھازىر ئۈزۈل – كېسىل ئۆزگەرگەنلىكىمنى ئېيتىپ، ماڭا تېگىشنى ئۆتۈندۈم، ئۇمۇ دۇرۇس ئادەم بولۇش ئىرادەمگە قايىل بولۇپ، ماڭا ياتلىق بولۇشقا قوشۇلدى. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ھازىر ئىنتايىن بەختلىك ئۆتۈۋاتىمىز.
   باشقىلارنىڭ زەھەردىن پەرھىز تۇتۇشىغا ياردەم بېرىشمۇ بەخت ئىكەن
   زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ساھەسىدە، كىشىلەر زەھەر تاشلاپ ئۇنى قايتا تېپىۋالمىغۇچە بولغان ئارىلىقنى ‹‹پەرھىز تۇتۇش›› دېگەن سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ، ‹‹پەرھىز تۇتۇش›› ۋاقتى قانچىكى ئۇزارغانسېرى، زەھەرگە بولغان خۇمار شۇنچە ئاجىزلىشىدۇ. ئابدۇغېنى ئەنە شۇنداق 14 يىل ‹‹پەرھىز›› تۇتۇپ كەلدى.
   2007 – يىلى شىنجاڭ ‹‹غەربىي دىيار قۇياش نۇرى›› زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلدى، ئۇ بۇ مەركەزنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش پىدائىي خادىمى بولۇپ، ‹‹پەرھىز›› تۇتۇپ زەھەرنى ئۈزۈل – كېسىل تاشلىماقچى بولغانلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بەردى. ‹‹بىز ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئەزالىرىمىزغا ياردەم بېرىمىز، بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى چارە ئىلگىرى زەھەر چەككەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ھازىر زەھەر چېكىۋاتقانلارغا تەربىيە ئىشلەش بولۇۋاتىدۇ›› دېدى بۇ مەركەزنىڭ باشلىقى ليۇ چۈنمېي. ‹‹شۇڭا ئابدۇغېنى بۇ يەردە بەكلا قارشى ئېلىنىدىغان بولدى، ئۇ ھەر قېتىم پائالىيەتكە قاتناشقاندا نۇرغۇن <بەڭگە> ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلايدۇ››.
   ئابدۇغېنىمۇ زەھەر چېكىدىغانلارغا ئۆزىنىڭ ئازابلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىشتىن باش تارتماي، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قەتئىي ئىرادىگە كېلىشكە دەۋەت قىلدى.
   ئايگۈل زەھەردىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدە بىرقانچە قېتىم داۋالانغان. لېكىن زەھەردىن قول ئۈزەلمىگەن. ئابدۇغېنى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ، ئاخىرى زەھەردىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزگەن، ئۇنىڭ پەرھىز تۇتۇۋاتقىنىغا تۆت يىل بوپتۇ.
   لېكىن ئابدۇغېنىنى ئازابلاپ، ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ‹‹بەڭگە››لەرمۇ خېلى كۆپ. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىكى بىرقانچە كىشى زەھەردىن ئۈزۈل – كېسىل قول ئۈزىمىز، دېيىشتى، بۇنى ئاڭلاپ بەكلا خۇش بولدۇم، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلارنىڭ يەنە بىللە زەھەر چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ۋاقىتتا غەزەپلەنگەنلىكىمدىن ئۇلار چېكىۋاتقان زەھەرنى تارتىپ ئېلىۋېلىپ تاشلىۋەتتىم، ئۇلار بۇنىڭدىن ئاچچىقلىنىپ مەن بىلەن سوقۇشتى، ئۇلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ دەسلەپ زەھەر تاشلىغان ۋاقتىم ئېسىمگە كېلىپ، قاتتىق بىئارام بولدۇم. ئالدىراقسانلىق قىلىپ قويغانلىقىمدىن ئۆكۈندۈم.
   ‹‹مەن زەھەر تاشلىغان ۋاقىتتا، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى كادىر – ساقچىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشكەن، ئۇلار بولمىغان بولسا، مېنىڭ ھازىرقى كۈنۈم بولمىغان بولاتتى››. مانا بۇ ئابدۇغېنىنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش پىدائىيسى بولۇشتا چىڭ تۇرۇشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىدى.
   ‹‹ئىشىنىش بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ سىزگە ئىشىنىشى چوڭ بەخت. مەن ھەر قېتىم بۇلارنى ئويلىسام ئىنتايىن ھاياجانلىنىمەن›› دېدى ئابدۇغېنى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى زەھەر تاشلاتقۇزۇش – سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولۇش.
   ‹‹پەرھىز›› تۇتۇشقا قارىتا ئابدۇغېنىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى بار ئىكەن. ئۇ ‹‹مەن چوقۇم ئۆمۈربويى پەرھىز تۇتقۇچى بولىمەن›› دېدى