ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى زەھەر چەكلىگۈچى بوۋا — ۋاڭ چىڭچۈەن
ۋاقتى : 2009-01-09 17:39:21  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

 

   ۋاڭ چىڭچۈەن ، ئەر ، 76 ياش ، خەنزۇ ، پارتىيە ئەزاسى ، شەنشى ئۆلكىسى گاۋلىڭ ناھىيىلىك تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرى .

   ‹‹ بوۋاي ›› نى تېپىش ئاسانغا چۈشمىدى . ‹‹ بوۋاي ›› شەنشى ئۆلكىسى گاۋلىڭ ناھىيىسىنىڭ ئەلئىچى زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتچىسى. بوۋاينىڭ يېنىدا يانفۇن بولمىغاچقا ، تېلېفۇننى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئۇرسا ، ئۇنىڭ ئايالى : ‹‹ بوۋاي ›› زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى قىلغىلى چىقىپ كەتتى دەيدۇ .

   بىر قېتىم ، ۋاڭ چىڭچۈەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا زەھەر چەكلەش كۆرگەزمىسى ئېلىپ بارغاندا، كۆرگەزمىنى كۆرگەن زەھەر تاشلاۋاتقان شياۋ چىياڭ ناھايىتى ئازاپلانغان ھالدا مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ ئەگەر بۇرۇنراق بۇ تەشۋىقاتنى كۆرگەن بولسام ، ھەرگىزمۇ بۇ يولغا ماڭمىغان بولاتتىم ›› . شياۋ چياڭ ئۆتكەن يىلى گۇاڭدۇڭغا ئىشلىگىلى كەلگەن بولۇپ ، بىلىپ – بىلمەيلا باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ، كېيىن مەجبۇرىي زەھەر تاشلاشقا ئەۋەتىلگەن .

   ۋاڭ چىڭچۈەننىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىش – ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، 1999 – يىلى 8 – ئاينىڭ 25 – كۈنى دۆلەتلىك زەھەر چەكلەش كومىتېتى دائىمىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ فېڭرۈي ئۇنىڭغا بىر پارچە تەقدىرلەش خېتى ئەۋەتىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ سىز زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئىشلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن قان – تەرىڭىزنى سەرپ قىلىپ ، بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ مەسئۇليەتچانلىقى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنى ئۆز ئەمەلىيتىڭىزدە كۆرسەتتىڭىز ، مەن سىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن ›› .

   ‹‹ بوۋاي ›› نىڭ يۈرەك ۋە ئاشقازان كېسىلى بولۇپ ، تېنى ناھايىتى ئاجىز بولسىمۇ ، لېكىن دائىم دېگۈدەك زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى . 10 يىلدىن بۇيان ، ئۇ بۇ ناھىيىدىكى 114 مەكتەپ ، ئون يېزا ، بازار ، شىئەن شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوندىن ئارتۇق ناھىيىلەرنى ئايلىنىپ 5000 چاقىرىمدىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى . زەھەر چەكلەش تەربىيىسىگە ئائىت فوتو – سۈرەت كۆرگەزمىسىدىن 2760 قېتىمدىن ئارتۇق ، 1416 مەيدان زەھەر چەكلەش دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى . كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچى ۋە تىڭشىغۇچىلارنىڭ سانى 1 مىليون 980 مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يەتتى . نۆۋەتتە 38 ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇنى ‹‹ ۋەتەنپەرۋەر تەشۋىقات يېتەكچىسى ›› ، ‹‹زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى يېتەكچىسى ›› ۋە ‹‹ قانۇن – تۈزۈم تەربىيىسى يېتەكچىسى ›› بولۇشقا تەكلىپ قىلدى .