ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
يې شىنپىڭ
ۋاقتى : 2009-01-09 18:17:10  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : لالە

    يې شىنپىڭ ، ئەر ، 47 ياش ، خەنزۇ ، خۇنەن ئۆلكىسى 6–قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى .

   يې شىنپىڭ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى . يې شىنپىڭ بېيجىڭدىكى تەقدىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بولۇپلا چاڭشا شەھىرىگە قايتتى . ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا چاڭشا شەھىرىدىكى بىر مەھەللىدە داۋالىنىۋاتقان ئۆزلىكىدىن زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ يېنىغا كەلدى .

    يې شىنپىڭ ئەل ئىچى زەھەر تاشلاش خىزمىتىنى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن باشلىغان ئىدى .

    1996 –يىلى مايدا ، چاڭشا شەھىرى تيەن شىن رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ، رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى يې شىنپىڭ ئۆزى بىلەن بىرگە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىل بىلەن ئىدارىغا بېرىپ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا ، بىر جۈپ ياش ئەر–ئايالنىڭ زەھەر چېكىپ ئەسلىدىكى باياشات ئائىلىدىن نامرات ئائىلىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرىدۇ . زەھەرنىڭ جەمئىيەت ۋە ئائىلىلەرگە ئېلىپ كەلگەن زېيىنى يې شىنپىڭنىڭ يۈرۈكىنى ئاغرىتىدۇ .

  بىر كارخانىنىڭ دېرىكتورىدا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك . بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن يې شىنپىڭ زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىنى باشلىدى . 2000 –يىلى ، يې شىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرى تيەن جيەن مەھەللىسىنىڭ مەھەللە مۇدىرى جاڭ گوچىڭ بىلەن تونۇشۇپ ، ئۇنىڭدىن زەھەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئىجتىمائىي سەۋەب ۋە زەھەرنى تاشلىتىش ئۇسۇللىرى توغرىسىدا يېڭى ئۇقۇملارغا ئېرىشتى . ‹‹ مەن دۆلەت تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن كارخانىچى ، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ قېرىندىشى . شۇڭا مەن ھەر بىر زەھەر چەككۈچى قېرىنداشلارنىڭ زەھەر تاشلىشى ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن ›› . بۇ يې شىنپىڭنىڭ يۈرەك سۆزى ئىدى .

   جاڭ گوچىڭنىڭ ئۆزلىكىدىن زەھەر تاشلاش ئاپاراتى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان يې شىنپىڭ ئۆز يېنىدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى . ئۇ جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 2005 –يىلى دېكابىردا زەھەر تاشلىتىش ئورنىنىڭ قۇرۇلىشى ئۈچۈن 20 مىڭ يۈەن پۇل ۋە بىر يۈرۈش چېنىقىش ئەسۋابى ئىئانە قىلدى . 2006 –يىلى ، بۇ ئورۇن ئۆلكە ئىچى–سىرتىدىن ئون نەچچە نەپەر زەھەر چەككۈچىنى زەھەر تاشلىتىپ ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى . شۇ يىلى مارتتا ، ئۇ بۇ ئورۇننىڭ دورا بۇيۇملىرىنىڭ يېتىشمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ 5000 يۈەن ئىئانە قىلدى . 2007 –يىلى ، ئۇ بۇ ئورۇندىكى زەھەر تاشلاۋاتقان ھەر بىر زەھەر چەككۈچى بىلەن يۈزتۇرانە پىكىر ئالماشنى تەلەپ قىلىپ ، زەھەر تاشلىتىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەم بەردى .

    يې شىنپىڭنىڭ شەخسىي يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەن بولۇپ ، ئۇ ھەر يىلى كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ۋە زەھەر تاشلىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن سەرىپ قىلىدۇ . ئون يىل ئىچىدە يې شىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ كارخانىسى زەھەر تاشلىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن ،كۆلىمى 2000 كۋادرات مېتردىن ئارتۇق كېلىدىغان قۇرۇلۇش سېلىپ بەردى . ئىئانە قىلغان بويۇملىرىنىڭ ئومۇمىي سومىسى 6 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە يەتتى . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ئۆز كىرىمىدىن 200 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى . ئۇ كارخانىسىدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەمچىلەرگە 100 مەيداندىن ئارتۇق زەھەر چەكلەش لېكسىيىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى ، بۇ كارخانا تۆت يىل ئۇدا ‹‹ زەھەرسىز كارخانا ›› بولۇپ باھالاندى . يې شىنپىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىققان ۋاقتى ، يىغىنغا قاتناشقان ۋاقتى ۋە شۇنىڭدەك ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ جەمئىيەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . ج خ ئىدارىسىنىڭ مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ، زەھەر تاشلىغۇچىلاردىن ئەھۋال سورىدى .زەھەر تاشلىتىش نەزەرىيىسى ۋە خىزمەت ئۇسۇللىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى . ھەرخىل پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەر قايسى ئالىي ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە مەھەللىلەردىكى ئامما ئۈچۈن 50 مەيداندىن ئارتۇق زەھەر تاشلاش لېكسىيىسى ئۇيۇشتۇردى . 2004 –يىلى ئۆكتەبىردە ، ئۇ 68 مەھەللىنىڭ زەھەر تاشلاش مەسلىھەتچىسى بولۇش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى .2006 –يىلى ، يې شىنپىڭ ئامما تەشكىللىنىپ باھالاپ چىققان ‹‹ ئاممىنى تەسىرلەندۈرگەن ئون چولپان ›› شەرىپىگە ئېرىشتى . يولداش يې شىنپىڭ زەھەر تاشلاش خىزمىتىگە بولغان چوڭقۇر تونۇشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان مۇھەببەتى بىلەن زەھەر تاشلاش خىزمىتىگە داۋاملىق تۆھپە قوشماقتا .