ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
جىن مۇبۇ
ۋاقتى : 2009-01-09 18:18:55  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : لالە

   جىن مۇبۇ ، ئايال ، 53 ياش ، جىڭ پو مىللىتى ، يۈننەن ئۆلكىسى يىڭ جياڭ ناھىيىسى مېڭجەن كەنتىنىڭ ئايال زەھەر چەكلىگۈچىلەر بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ باشلىقى .

   بۇ ئىلگىرى بىر قالاق ، جىمجىت كىچىك تاغلىق كەنت بولۇپ ، كەنتتىكىلەر دۇنيادىن بىخەۋەر ياشايتتى . 90 – يىللاردىن باشلاپ ، زەھەر بۇ تاغلىق كەنتكە كىرىپ ، كەنت ئاھالىسىنىڭ % 10 ى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىپ ، نۇرغۇن ئائىلىلەر چوڭقۇر ھاڭغا پېتىپ قالىدۇ . جىن مۇبۇنىڭ ئائىلىسى مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى .

   زەھەر سەۋەبىدىن قۇرۇپ قاق سەنەم بولۇپ قالغان ئائىلىسى ، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان يولدىشى ۋە ئىككى ئوغلىغا قاراپ جىن مۇبۇنىڭ يۈرىكىنى پىچاق تىلغاندەك بولدى . لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ خىل ئەھۋالدىن يىقىلىپ قالمىدى ، بەلكى ئاياللار زەھەر چەكلەش بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇشقا ئىرادە باغلاپ ، كەنتتىكى ئۇنىڭغا ئوخشاش زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللارنى تەشكىللەپ ، زەھەر بىلەن كۆرەش قىلدى . ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ قايتا – قايتا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ، 61 ئادەمدىن تەشكىل تاپقان ئاياللار زەھەر چەكلەش بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى 2000 – يىلى رەسىمىي قۇرۇلدى . بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئۇ ھەر دائىم زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كەلدى ، يولدىشى بىلەن ئوغلى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولدى ، كەنتتكى زەھەر چىكىدىغانلار بولسا ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ بولدى ، ھەم ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى . ،زەھەر چەكلەش ئۈچۈن ، جىن مۇبۇ ھاياتىنى قايرىپ قويۇپ ، كەنت قائىدە تۈزۈمىنى بىكىتكەن چاغدا ، زەھەر چەككۈچىلەرگە 250 يۈەن جەرىمانە قويۇش تەكلىپىنى بەردى . بىراق ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى كۈنى تۇتۇلۇپ قېلىپ جەرىمانە قويۇلغىنى دەل ئۇنىڭ ئوغلى بولدى. ئۇ ھىچقانداق گەپ – سۆز قىلماي ئۆزى سەي ۋە ئاشلىق سېتىپ تاپقان پۇلىنى جەرىمانىگە تۆلىدى . بۇنى كۆرۈپ كەنتتىكىلەر ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن قايىل بولۇپ ، زەھەر چەكلەش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى . ئۇ ئاياللار بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتىدىكى ئاياللارنى 4 ئادەمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ 24 سائەت كۆزەتچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ ، زەھەر بازارلىرىنى بىتچىت قىلىپ ، زەھەرنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئۈزىۋېتىدۇ . ئۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن كىچك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ ، ھەربىر 3 ئادەمنى بىر زەھەر چەككۈچىگە مەسئۇل قىلىدۇ . بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ ئەزالىرى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۇلاردىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇلارغا زەھەرنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇتتى .

   ئۇنىڭ يولدىشى كەنتتە ئەڭ بالدۇر زەھەرگە خۇمار بولغۇچى ھەم ئەڭ بالدۇر زەھەر تاشلىغۇچى ، ئىككى ئوغلىمۇ كەينى – كەينىدىن زەھەرگە خۇمار بولمايدىغان بولدى . كەنت ئاھالىسى جىن شىرۇڭ كەنتتىكى ئەڭ غالجىرلاشقان زەھەر چەككۈچى ئىدى ھازىر ئۇ زەھەر تاشلاشقا قارشى تۇرۇغۇچىلارغا نۇرغۇن تەھدىت ۋە بىزەپ گەپلەرنى قىلاتتى . بىراق جىن مۇبۇنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ،ئاخىرى زەھەرنى تاشلاپلا قالماي ، يەنە بۇ ھەركەتگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى . 2006 – يىلى جىن مۇبۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا بۇ كەنتتە زەھەر تاشلىغۇچىلار %90 كە يېتىشتەك مۆجىزە يارىتىلدى . يېقىندا ، بۇ كەنت يەنە بۇرۇنقى ئىناق ، تېنچ تۇرمۇشىغا قايتىپ كەلدى .