ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
تەن يەنخۈي
ۋاقتى : 2009-01-09 18:19:30  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

   تەن يەنخۈي ، ئەر ، 82 ياش ، خەنزۇ ، شاڭخەيدىكى خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى كارخانىچى 

   تەن يەنخۈي ئۆزىنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق يەنى زەھەر چەكلەش پىدائىيسى بولۇشقا قان – تەرىنى سەرپ قىلىپ ، زاۋۇتىدا زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسىنى قۇردى .

    تەن بوۋاي ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ ، 10 ياش ۋاقتىدا دادىسى زەھەر چەككەشكە ئۆلۈپ كەتكەن ، كېلىنى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىسى بۇزۇلغان . زەھەرنىڭ گېپى چىقسىلا تەن بوۋاينىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تېترەك باسىدۇ .

   تەن بوۋاي بەدىنى ئورۇق بولغان بىلەن مېڭىسى ناھايىتى ئۆتكۈر، كۆزگە ئانچە چېلىقمايدىغان بۇ بوۋاي شاڭخەيدىكى داڭلىق ئالىي ئىنژېنېر ، ئۈچ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بار بولغان پۇقراۋى كارخانىنىڭ ئىگىسى . تەن بوۋايدىن نىمىشقا زەھەر تاشلاتقۇزۇش پىدائىيى بولدىڭىز دەپ سورالغان سۇئالغا ئۇ تۇرۇپ كېتىپ 70 يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلەيدۇ . ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ :‹‹ كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئەپيۇن چىكىپ ئۆلۈپ كەتكەن ›› . شۇ چاغدا تەن يەنخۈي 10 ياشتا بولۇپ ، ئانىسى ئۇنى ۋە سىڭلىسىنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ چوڭ قىلغان .

   تەن بوۋاي قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىگەندىن كېيىن ، بالىلىرىنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلىدۇ ، ئويلىمىغان يەردىن كېلىنى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا نەچچە قېتىم كىرىپ زەھەر تاشلىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئوغلى بىلەن كېلىنى ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىدۇ . شۇ چاغدا تەن بوۋاي چوقۇم تىرىشىپ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى زەھەردىن يىراق ئايرىۋېتىشكە قەسەم قىلىدۇ .

    2004 – يىلى ئۇ شۈ خۈي تيەنلىن ئاھالىلەر كومىتېتىدا زەھەر چەكلەش جەمىئيىتى پىدائىيلار قوشۇنى قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ بىرىنچى بولۇپ تىزىملىتىدۇ . زەھەر تاشلىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ، تارىختىن بۇيانقى قىيىن مەسىلە . ئەمما تەن بوۋاي ئۇلارغا مېھىرىبانلىق قولىنى سۇنۇپ ، ئۇلارنى بىر كىشلىك خىزمەت بىلەن تەمىنلىسەم بىر ئائىلىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەككىز نەپەر زەھەر تاشلىغۇچىنى ئۆز زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىشقا ئورۇنلىشىىش بازىسىنى قۇرىدۇ . تەن بوۋاي ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا دائىم كۆڭۈل بۆلىدۇ ، ئۇلار خىزمەتتە ئازراقلا نەتىجە ياراتسا مۇكاپاتلاپ ھەمدە ئۇلارغا مائاش قوشۇپ بېرىپ ، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھانلاندۇرىدۇ .