ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
لىن زېشۈينىڭ تۆھپىسى
ۋاقتى : 2008-11-26 13:21:35  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : لالە
 

   1838-يىلى نويابىردا ، داۋگۇاڭ خان لىن زېشۈينى بېيجىڭغا چاقىرتىپ ، سەككىز كۈن ئىچىدە ئۇنى ئۇدا سەككىز قېتىم قوبۇل قىلىپ ، ئەپيۈننى چەكلەش تەدبىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەن . شۇ يىلى 31-دېكابىردا داۋگۇاڭ خان لىن زېشۈينى خان مۇپەتتىشى قىلىپ تەيىنلىگەن ھەمدە گۇاڭدۇڭدىكى دېڭىز لەشكەرلىرىگە قوماندانلىق قىلىپ ئەپيۇننى تەكشۈرۈش ، چەكلەشكە ئەۋەتكەن .لىن زېشۈي گۇاڭجۇغا بارغاندىن كېيىن ، گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشىنىڭ باش ھەربىي ۋالىيلىرىدىن دېڭ تېڭجېن قاتارلىق ئىككىيلەن بىلەن ھەمكارلىشىپ ، چەت ئەللىك ئەپيۇن سودىگەرلىرىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ ، ئۇلارنى 2 مىليون 370 مىڭ جىڭغا يېقىن كېلىدىغان ئەپيۇننى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىغان . 1839-يىل 3-ئىيۇندا لىن زېشۈينىڭ رىياسەتچىلىكىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى . جۇڭگو خەلقىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنگە قارشى تۇنجى قېتىملىق ھەيۋەتلىك كۈرەش يالقۇنى ئەنە شۇ خۇمېندا كۆتۈرۈلگەن .ئەپيۇن 20نەچچە كۈندە ئاران كۆيۈپ بولغان . خۇمېندا ئەپيۇننىڭ كۆيدۈرۈلۈشى جۇڭگونىڭ ئەپيۇننى چەكلەشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور غەلىبىسى بولۇپ ، غەرب مۇستەملىكىچىلىرىگە بېرىلگەن قاقشاتقۇچ زەربە ھېسابلىنىدۇ . بۇ غەلىبە ئەپيۇن سودىسىنىڭ جۇڭگوغا كەلتۈرگەن ھاقارىتىنى يۇيۇپ تاشلىدى . پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتەك كۈچلۈك ئىرادىسىنى ۋە مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى قوغداشتەك ھەققانىي روھىنى نامايان قىلدى . لىن زېشۈي مىللەتنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىر مەيدان كۈرەشنىڭ بايرىقى بولدى .ئۇ جىگەرلىك ، يىراقنى كۆرىدىغان ، ئېگىلمەس-سۇنماس روھقا ئىگە ئىدى . ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن ، ئۇ گۇاڭدۇڭدىكى ئارمىيە-خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ، دۈشمەننىڭ قوراللىق ئىغۋارگەرچىلىكىنى كۆپ قېتىم تارمار قىلىپ ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نامايان قىلدى .دۇنيا بىھوشلاندۇرۇش بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش-ئىشلەش ئىدارىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئاساسلانغاندا ، خەلقئارا زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش تارىخىدا ھەممىدىن ئاۋۋال " ئەپيۇننى كۆيدۈرۈش" ئۇسۇلىنى قوللىنىپ زەھەرلىك بۇيۇملارنى چەكلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغۇچى دەل جۇڭگولۇق لىن زېشۈي ئىكەن . 1985-يىلى ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىھوشلاندۇرۇش دورا بۇيۇملىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىندا كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ قەھرىمانى لىن زېشۈينى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن پوچتا ماركىسى تارقىتىش تەكلىپىنى بەرگەن . لىن زېشۈي تارىختىكى زەھەرلىك بۇيۇم ئەپيۇنگە قارشى تۈنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان . ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى ، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، خەلقنى يېتەكلەپ ، ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشنى ئېلىپ بېرىپ ، خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن ، ئۇ بىز بىلەن مەڭگۈ ھايات .