ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
ئەخمەت قۇربان
ۋاقتى : 2008-11-26 13:22:56  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : لالە

    ئەخمەت قۇربان ( ئەر ، ئۇيغۇر ، 40 ياش ، ھازىر شىنجاڭ ئۈرۈمچى يارپ ئامبولاتورىيىسىنىڭ مەسئۇلى ) . 1992-يىلى7-ئايدا ، ئەخمەت قۇربان ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-دوختۇرخانىنىڭ دورا بىلەن داۋالاش مەركىزىگە تەقىسم قىلىنىپ ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە قاتتىق كىرىشىپ كەتتى ، ھەمدە شىنجاڭنىڭ مىللى يېزىقىتىكى زەھەر چەكلەش بىلىملىرى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشتەك ئەمەليىتىگە ئاساسەن ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىردىن پايدىلىنىپ ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ، ئۇيغۇر يېزىقتىكى " زەھەر چەكلەش بىلىملىرىدىن سوئال-جاۋابلار " ۋە " خېروئىن " دىن ئىبارەت ئىككى پارچە 400 مىڭدىن ئارتۇق خەتتىن تەركىب تاپقان قول يازمىنى تۈگىتىپ ، 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ چىقىرىپ ، 30 مىڭ نۇسخا نەشىر قىلدى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ، مەركىزى سىياسى بىيۇرۇ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايون پارتىكومنىڭ سېكېرتارى يولداش ۋاڭ لېچۇەن بۇنىڭغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەردى . 

   2002-يىلى ، زەھەر چەكلەش تەشۋىقات خىزمىتىدە نەتىجىسى ئالاھىدە بولغانلىقتىن ، مۇناسۋەتلىك قىسىملارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن ئەخمەت قۇربان ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئوبراز ئەلچىسى بولۇپ سايلاندى . ئۇ 2002-يىلى ئۈرۈمچى 4-دوختۇرخانىسى زەھەر چەكلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ ، تىجارەت خاراكتىرىنى ئالمىغان زەھەر چەكلەشتىن مەسلىھەت بېرىش ئامبولاتورىيىسى – ئۈرۈمچى شەھەرلىك يارپ ئامبۇلاتوريىسىنى قۇرۇپ ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ھەقسىز زەھەر چەكلەش قىزىق لىنىيىسى(0991-2865305,0991-8537631) نى ئاچتى ۋە دوختۇرخانىنىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىقات خىزمەت ئىشلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تۈردە قانات يايدۇردى .