ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
2012-يىللىق«26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى» تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى
ۋاقتى : 2012-06-08 17:22:21  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپى  يوللىغۇچى : زاھىدە

   

  بۇ يىل 26-ئىيۇن بولسا 25–قېتىملىق خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى. شۇ  مۇناسىۋەت بىلەن، زەھەر چەكلەش تەشۋىقات تەربىيىسى خىزمىتىنىڭ كۈچىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا زورايتىش، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، تىرىشىپ شىنجاڭنى زەھەرسىز رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش باشقارمىسى ھەمكارلىشىپ، «زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر چەكلەشكە قاتنىشايلى» ئاساسىي تېمىسىدىكى بىر قاتار زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى.

  شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدىكى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تور بېكىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە خەلققە  تەشۋىقات  ئېلىپ بارىدىغان كۆزنەك، خەلقنى توردا ئەيدىز كېسىلى ۋە زەھەرلىك بويۇملار توغرىسىدا بەلگىلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان ياخشى سەھنە.

  تور بەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىلىپ،  زەھەرلىك بويۇم ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى ساۋاتلار يېڭىلىنىپ تۇردى، ھەر يىلى توردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇردى؛ ھەر قايسى مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ زەھەر چەكلەش توغرىسىدا 48 مەيدان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار 86 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ پىدائىيلار تەربىيىلەندى ھەمدە ئۇلارنى تەشكىللەپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى؛ تور بېكەت خادىملىرى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ زەھەر چەكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشتى ھەمدە يېقىندىن ماسلاشتى؛ يەر شارى فوندى ئەيدىز تۈرى ئىلتىماس قىلىنىپ، 2008-يىلدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتى، بۇ تۈر ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ يىلدا 721 نەپەر زەھەر چەككۈچى مەنپەئەتلەندى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى ــ ياش-ئۆسمۈرلەر. ياش-ئۆسمۈرلەر زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ %65 تىن يۇقىرىراق نىسبىتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، زەھەرگە ئەڭ ئاسان ئۆگىنىپ قالىدىغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئارسىدا چۈمادو، Kتالقىنى، باش چايقىتىش كومىلىچى قاتارلىقلارنى يېيىش كۈندىن-كۈنگە ئەۋج ئېلىپ، يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى ئىز-باسارلىرى بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش ۋە ئۇلارغا زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇپ، زەھەرگە بولغان ئاڭ-سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەر بىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

  پائالىيەت ۋاقتى ۋە ئورنى:

-13ئىيۇن (6-ئاينىڭ 13-كۈنى) چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 4:30 دە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا.

-14ئىيۇن مەكتەپلەرگە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  

شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى

2012-يىلى6-ئاينىڭ8-كۈنى