ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
يارپ ئۇنىۋېرسال ئامبولاتورىياسى ھەققىدە
ۋاقتى : 2011-05-25 17:19:17  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەرك

يارپ ئۇنىۋېرسال ئامبولاتۇرىيىسى 2005- يىلى رەسمىي ئامبولاتۇرىيە شەكلىدە قۇرۇلغان بولۇپ ، زەھەر چەككۈچىلەرنى ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنى مەخسۇس داۋالاشنى ئاساس قىلغان ، سىستېمىلىق كەسپىي ئورۇن . ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 528 نومۇرغا جايلاشقان ( پارلاق ئالىي مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا ) .
ئامبولاتۇرىيە ھازىر ئاساسلىق تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمى ، پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالاش بۆلۈمى ، زەھەر تاشلاشتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالاش بۆلۈمى ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بۆلۈمى قاتارلىق بۆلۈملەردىن تەشكىل تاپقان قانۇنلۇق ئورۇن بولۇپ ، نېرۋا كېسەللىكىنى داۋالاش، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ۋە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئالاھىدە نوپۇزغا ۋە يۈكسەك ئىشەنچكە ، يۇقىرى تەجرىبىگە ئىگە ئورۇن .

ئاساسلىق داۋالاش تۈرلىرى :

پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش بۆلۈمى : ئامبولاتۇرىيىمىز مەخسۇس پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى تەسسىس قىلىپ ، يۇقىرى تېخنىكىلىق ئادەم پىسخىكىسىنى سىناش ماشىنىسى كىرگۈگەن ۋە تەجرىبىلىك دوختۇر ئۆزىنىڭ مول تەجرىبىسىگە ئاساسەن پىسخىكا جەھەتتىن يولۇققان ھەر تۈرلۈك توسالغۇلارنى يېڭىشىڭىزگە ھەر ۋاقىت ياردەم بېرىدۇ ، 24 سائەت ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش قىززىق لىنيەسى تەسسىسى قىلغان بولۇپ ، سىز 0991- 2886161 غا تېلفون قىلىپ ، ئۆزىڭىزنىڭ مەسىلىلىرىڭىزنى سورىسىڭىز بولىدۇ .

نېرۋا كېسەلىكلەر بۆلۈمى : ئېلىشپ قېلىش، ھېسىيات خاراكتېرلىك، ئىنكاس خاراكتېرلىك ، مېڭە ئىقتىدارى چېكىنىش خاراكتېرلىك، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكىگە قوشۇلۇپ كەلگەن روھىي كېسەللىكلەرنى ئەتراپلىق داۋالايدۇ .

زەھەر تاشلاشتىن مەسلىھەت بېرىش ۋە داۋالاش بۆلۈمى: بۇ بۆلۈم چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىلار ئارقىلىق ھەر خىل دورا، ھاراق، نەشە، خېرۇئىن ، چۇمادو قاتارلىق خۇمار قىلغۇچىلارغا خۇمار بولغان بىمارلارنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۈزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە تەجرىبىسى بار بولۇپ نۇرغۇللىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ رەزىل نەرسىلەردىن قول ئۈزۈشىگە ياردەم بەردى .

ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مەسلىھەت بېرىش بۆلۈمى:بۇ ئامبۇلاتورىيە دۆلەتنىڭ ئەيدىزتۈرىنى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مۇناسىپ داۋالاشتا ئەتراپلىق مەسلىھەت بېرىش بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان.

زەھەر تاشلاش ۋە ئەيدىز كېسەللىكلىرىدىن مەسلىھەت بېرىش قىززىق لىنىيەسى : 0991-2886161

( 24 سائەت ھەقسىز مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ )

قېرىندىشىم ھەر خىل زەھەر ۋە باشقا ھەر قانداق كېسەللىكلەردىن سىز ۋە سىزگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىر ئىنساننىڭ يىراق بولۇشىنى تىلەيمىز شۇنداقلا ئوغلىڭىز ، قىزىڭىز ، ئاكا ـ ئىنى ، ئاچا ـ سىڭىللىرىڭىزغا ، قېرىنداشلىرىڭىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ئۇلاردىكى ھەر قانداق ئالامەتلەرگە دىققەت قىلىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ، ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چۇمادو ، مېتادون ، باش چايقاش كومۇلىچى دېگەندەك نۇرغۇنلىغان خۇمارى بارھەم ئاسان تاپقىلى بولىدىغان يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك ماددىلارغا خۇمار بولۇپ قىلىۋاتقان ئەھۋاللار بىر قەدەر ئېغىر بولماقتا ، شۇڭا كەڭ ياش ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ گۈزەل ، تاتلىق ياشلىقىنى ، پارلاق كېلەچىكىنى نابۇت قىلىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشۇنداق ئىبلىسلارنى تاشلىيالمايۋاتقان ، ئۇلارنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بولسىڭىز قىلچە ئىككىلەنمەي ئامبولاتۇرىيىمىزگە كېلىڭ ، بىز ھە ۋاقىت ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن سىزنىڭ بۇ ئالۋاستىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز ...........