ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىسى 1 – نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىگە ئايلاندى
ۋاقتى : 2011-05-19 12:38:30  مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى  يوللىغۇچى : مەۋلۇدە

    چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹بازا››تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مېكسىكا زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ كاتتېبېشى گۇزمان لورا دۇنيا بويىچە 1 – نومۇرلۇق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان جىنايەتچىگە ئايلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، لورا زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا 38 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى بىر قېتىم تۇتۇلغان. لېكىن تۈرمە ساقچىسىغا 2 مىليون 500 مىڭ فوندسىتېرلىڭ بېرىپ تۈرمىدىن قاچقان. ئامېرىكا ۋە مېكسىكا ئون يىلدىن بۇيان ئۇنى ئىزدىگەن بولسىمۇ تۇتالمىغان.

    بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لورا مېكسىكىدىكى بىر زەھەر گورۇھىغا پارا بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە سۇ يولى ئارقىلىق مېكسىكا بىلەن ئامېرىكىغا زەھەر توشۇغان.

    ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن ئېلىندى