ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بىر زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇلدى
ۋاقتى : 2013-11-12 16:55:43  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :  يارپ

بىر زەھەر ئەتكەسچىسى تۇتۇلدى

 

  بۇلاغتاغ رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسى زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى بۇ يىل ئۆكتەبىردە خۇبېيلىق بىر نەچچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن بىر زەھەر ئەتكەسچىلىكى گۇرۇھىنىڭ شەھىرىمىزدە ئۇراقتىن بۇيان زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدىكى مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى. ساقچىلار بىر ئايغا يېقىن ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ناھايىتتى پۇختا تەشكىللەنگەن، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغان بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنى پاش قىلىشقا كىرىشتى. ساقچىلار 4- نويابىر مال ئالغۇچى لەنxx نىڭ پېيىغا چۈشتى، لەنxx ھەيدىگەن پىكاپ شەھرىمىزنىڭ «تىيەنجىن» يولىدىن خۇمدانلىق ئۇرۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىگە بېرىپ، يول بويىدا توختىغاندىن كېيىن، ئىچىدىن ئادەم چۈشمىگەن، پىكاپنىڭ ئوتىمۇ ئۆچۈرۈلمىگەن. بىردەمدىن كېيىن، يولۇچى توشۇش بېكىتىدىن بىرەيلەن چىقىپ ئۇدۇللا لەنxxنىڭ پىكاپىغا چىقماقچى بولۇپ، ئىشىكنى تارتىشىغىلا ئەتراپتا كۆزىتىپ تۇرغان ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ ئۇنىڭ يېنىدىن1000 گىرام كىرىستال زەھەرنى تاپقان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە پىكاپتىكى ئىككى جىنايەت گۇماندارىمۇ تۇتۇلغان. ھازىر  بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.