ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
تورغا چۈشكەن گۇماندارلار
ۋاقتى : 2013-11-12 15:31:37  مەنبەسى : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى  يوللىغۇچى : خالىدە

تورغا چۈشكەن گۇماندارلار

 

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ ساقچىلىرى يېقىندا، زەھەر چەككەن ۋە زەھەر ساتقان 13 ئادەم ۋە ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغان ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئوندىن ئارتۇق ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىنى پاش قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىبلىتاغ يولىدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايونىدا 23-سېنتەبىر ئۇدا ئىككى قېتىم ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ، ئىككى تېلېفون ئوغرىلاندى؛ بۇ ئولتۇراق رايوندا 27-سېنتەبىر يەنە ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 200 يۈەن ئوغرىلاندى؛ يېقىن ئەتراپتىكى يەنە بىر ئولتۇراق رايوندا ئىككى قېتىم ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسى يۈز بېرىپ، 200 ئامېرىكا دوللىرى ۋە 6000 يۈەن نەق پۇل ئوغرىلاندى.  

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى بۇ دېلولارنى نازارەت قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان دېلولار قاتارىغا كىرگۈزدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى سايباغ رايونلۇق شۆبىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇردى. ساقچىلار تۈرلۈك  يىپ ئۇچلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ  سىچۇەندىن ئۈرۈمچىگە ئىشلىگىلى كەلگەنلەر  ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندى، دېلو سادىر بولغان  ئولتۇراق رايون ئەتراپىدا  قۇرلۇش مەيدانى ۋە ئىجارە بىرىلىدىغان ئۆيلەر كۆپ بولغاچقا، ساقچىلار ئۇلارنىڭ شۇ جايدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ تەكشۈرۈشنى باشلىدى.

40 تىن ئارتۇق ساقچى ئەتراپتىكى  قۇرۇلۇش مەيدانى ۋە ئجارە بىرىلگەن ئۆيلەرنى تەكشۈردى، قۇرۇلۇش مەيدانىدا تۇرىدىغان بىر ئايال ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى ، چۈنكى ساقچىلار ئەرلەرنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كۆپ كىرىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەنىدى. ساقچىلار بۇنىڭدىن بۇ ئايالنىڭ زەھەر ساتىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىپ، بىر قانچە كۈن رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ ئۆيىگە زەھەر سېتىۋالغىلى كەلگەن سەككىز ئەرنى قولغا چۈشۈردى. ساقچىلار ئۇلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، قىبلىتاغ يولىدىكى ئىككى قۇرۇلۇش مەيدانى ۋە پولات-تۆمۈر شىركىتى ئەتراپىدىكى ئون قۇرۇلۇش مەيدانىدىن زەھەرگە چېتىشلىق بىر ئەرنى تۇتتى، سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن 13 گۇماندارنىڭ زەھەر چەككەنلىكى ئېنىقلاندى. ساقچىلار يەنە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن، يەنە بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدىن جىنايەت گۇماندارى ما xx نىقولغا چۈشۈردى. ساقچىلار دەسلەپكى سوراقتا، ما xx ۋە جى xxنىڭ قىبلىتاغدىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوندا يۈز بەرگەن ئۆيگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلىش دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى.

ئۇلار سوراقتا بۇ يىل ئاپرېلدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ قۇرۇلۇش مەيدانىدا ئىشلەش جەريانىدا زەھەرگە ئۆگىنىپ قالغانلىقى، ئىش ھەققى زەھەر سېتىۋېلىشقا يەتمىگەچكە، ئەتراپتىكى مەھەللىلەردە ئۆيلەرگە كىرىپ ئوغرىلىق قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. دېلوغا چېتىشلىق سومما 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان سەككىز ئادەمنىڭ 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى قايتۇرۇپ كەلدى.

ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە   ما xx،  جى xx قاتارلىق 13زەھەر چەككۈچىنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.