ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى .
ۋاقتى : 2018-11-09 12:08:22  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :

elan1.jpg

 

  ئۈرۈمچى ساقچىلىرى 2 كىلوگرام ناتاشانى قولغا چۈشۈردى .

 

يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ شىمىگو رايونلۇق شۆبىسى پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلىپ، يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك چېكىملىك ”ناتاشا“دىن ئىككى كىلوگرامنى قولغا چۈشۈردى.
بۇ يىل 10-ئايدا، زەھەر چەكلەش ساقچىلىرى رازۋېدكا قىلىش ئارقىلىق، لى فېينىڭ يېڭى تىپتىكى زەھەر ”ناتاشا“نى سېتىش گۇمانى بارلىقىنى بىلىپ دەرھال تەكشۈرۈشكە كىرىشتى.
10-ئاينىڭ 29-كۈنى، ساقچىلار لى فېينى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا زەھەر سېتىۋاتقان يېرىدە قولغا ئالدى ھەمدە ئىككى كىلوگىرام ”ناتاشا“ ۋە 40 مىڭ يۈەن ھارام پۇلنى قولغا چۈشۈردى.
ساقچىلارنىڭ ئىگىلىشىچە، 24 ياشلىق لى فېي بۇرۇن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك بىلەن جان بېقىپ كەلگەن. بۇلتۇردىن باشلاپ ”ناتاشا“ ناملىق يېڭىچە زەھەرنى سېتىشقا باشلىغان.
ھازىر بۇ دېلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى كىشى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺳﺎﻗﭽﯽ ﺗﻪﺭﻩﭖ 3 ــ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﯧﯖﯽ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯽ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯽ ﺋﺎﭼﺘﯽ
ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯽ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﯼ 
ﺑﺎﺵ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭼﯩﻦ ﺯﯦﺨﯘﺍ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺝ ﺥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯽ 11 ــ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 2 ــ ﻛﯜﻧﯽ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﻳﯩﻐﯩﭗ، 3 ــ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﯧﯖﯽ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ (ﻳﯧﯖﯽ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﻣﺎﺩﺩﺍ) ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯽ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯽ ﺋﺎﭼﺘﯽ.

ﻳﯧﯖﯽ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ «ﭘﯩﻼﻥ ﺩﻭﺭﯨﺴﯽ» ﻳﺎﻛﯽ « ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﺯﻩﮬﯩﺮﯼ» ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯽ ﻗﺎﭼﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﯽ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ  ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﯽ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻧﺎﺭﻛﻮﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. 
ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﻧﯩﻘﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ، ﺋﻮﺭﺍﻟﻤﯩﺴﯽ ﻣﻮﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯽ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯽ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺗﯜﺭﯨﺪﯨﻜﯽ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ: ﮬﻪﺳﻪﻥ ــ ﮬﯜﺳﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ، «ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﮔﯜﭼﯽ ﮔﺎﺯ» «ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﭼﺎﻱ»، ﭼﺎﺗﺘﯩﺌﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ «ﺩﯨﻜﯽ ــ ﺩﯨﻜﯽ ﻛﻪﻣﭙﯜﺕ»، «ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﮕﻮ»، «ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﻏﯘﭼﯽ ﻣﻮﮔﻮ»، «ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﺎﺥ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ، ﻳﻪﻧﻪ KTV، ﻣﻪﻳﺨﺎﻧﺎ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺏ، ﺩﯦﺴﻜﻮﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ «ﻛﺎﯞﺍﭼﺎﯞ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﯽ»، «ﻛﺎﯞﺍﺟﻴﯘ» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻚ ﺝ ﺥ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ «ﻧﺎﺗﺎﺷﺎ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ «ﻛﺎﯞﺍﭼﺎﯞ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﯽ»، «ﻛﺎﯞﺍﺟﻴﯘ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﯽ ﺳﺎﻗﭽﯽ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﯞﻩﻗﻪﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻟﯩﻨﯩﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯽ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﻳﺎﺳﺎﺵ، ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯼ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﯜﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﻩﮬﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯽ ﭘﯩﺸﺸﯩﻘﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ، ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯽ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯽ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯼ ﺳﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﯽ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﭖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯽ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯽ ﻛﻪﺳﯩﭙﻜﺎﺭﻻﺭﻧﯽ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺵ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯽ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯽ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻼﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﻩﺷﺘﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﯨﻜﯽ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯼ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯽ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺯﻩﮬﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯽ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯽ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯽ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺳﯘﺑﻴﯧﻜﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪﺳﯽ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯽ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯽ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰﻣﯩﻨﯽ «ﺩﺍﺋﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ» ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﯽ، ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﯽ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﯽ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﯽ ﺋﯧﺴﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻳﺪﻩﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻧﺴﯩﺨﺎﻧﺎ، KTV ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺯﻩﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ــ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯽ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﭖ، 3 ــ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺭﻭﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯽ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯽ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

يارپ تورى تەھرىرى

yyyyyyyyy.jpg