ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
ئىلى ئوبلاستى ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتى شارائىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى
ۋاقتى : 2017-02-17 18:32:30  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : گۈزەلنۇر

ئىلى ئوبلاستى ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتى شارائىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى
  


ئىلى ئوبلاستىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «شىنجاڭ ئەلدوست بىيو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئەلدوست دەپ ئېلىندى) نىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىنىڭ ئەيدىزنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا ئائىت ساختا ئېلاننىڭ ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
ئوبلاستىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە قاراپ.2-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، ئوبلاستىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئوبلاستىق سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتىت باشلىقى بولاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتى شارائىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى،،يىغىنغا ئوبلاست دەرىجىلىك رەھبەرلەر، غۇلجا شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك پارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى، يىمەكلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى، مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىئو-كىنو ئىدارىسى،جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى، پىلانلىق تۇغۇت كومىتىتى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى، قاتارلىق ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرىدىن 40 تىن ئارتۇق ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. ئوبلاستىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى مۇدىرى چېنجىشېڭ يېقىندىن بۇيان ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە «شىنجاڭ ئەلدوست بىيو-پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىپ ئەلدوست دەپ ئېلىندى) نىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلۇق ئىچىملىكىنىڭ ئەيدىزنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا ئائىت ساختا ئېلانى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى ، ھەرقايسى ئورگان، ھەرقايسى شەھەر ناھىيە ۋەكىللىرى ئەمەلىي نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بويىچە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى.
بولات مۇدىر يەنە:«ھەر قايسى ئورگان، ناھىيە شەھەرلەرنىڭ ،بۇ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ساختا ئېلان مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ، ھەرقايسى ئورگانلار مەسئۇلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇپ،ئاكتىپلىق بىلەن نازارەتنى كۈچەيتىپ، ئورگانلار ئوتتۇرسىدىكى ماسلىىشىشچانلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاممىنىڭ قانۇنسىز ساختا ئېلانلارنى پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمىلەرنى خەلىق ئاممىسىغا تەشۋىق قىلىش، سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرى قانۇنسىز ساختا ئېلانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولۇش. يىمەكلىك دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسى، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسى ئىچىدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنىڭ ساختا ياكى راسلىقىغا بولغان تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت تەنتەربىيە رادىئو-كىنو ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى تىلىۋىزور لاردا ،تورلاردا،ئۇندىدار قاتارلىق يېڭى ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى بېرىلىدىغان ئېلانلار يەنە كىلىپ دورا ئېلانلارىغا بولغان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلىش جىنايىتى دىلوسىغا مەسئۇل بۇلۇپ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمەتچىلىرى ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى يوقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملىرىنى توغرا تەشۋىق قىلىپ ، ساختا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىزمەت جەريانىدا ، قائىدە نىزاملار غا ئالاھىدە ئەمەل قىلىپ، ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، قانۇنسىز كىشىلەر تەرپىدىن پايدىلىنىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك » دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئوبلاستىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ،ئىلى ئوبلاستى ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتى شارائىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرىنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ ئالدىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى كۆزدە تۇتۇپ، « ئىلى ئوبلاستى ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرىشى»نى بىسىپ تارقىتىپ،ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش خىزمىتىنىڭ بىخەتەر ئىلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.