ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەر يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئىجاد قىلغان» كەشپىياتلار
ۋاقتى : 2016-12-13 11:18:55  مەنبەسى : تور دۇنياسى  يوللىغۇچى : يارپ

زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەر يوشۇرۇش ئۈچۈن «ئىجاد قىلغان» كەشپىياتلار

20161213.4.jpg


ھەر يىلى نەچچە مىليارد دوللارلىق زەھەرلىك بۇيۇملار پۈتكۈل يەر شارى بويىچە ئوبوروت بولۇپ، مىليونلىغان زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداپ تۇرىدۇ.
ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۈرلۈك ھالقىلاردىن قول تىقىپ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئاشۇ زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا ئېلىپ تۇرىدۇ. بىراق «يۇقىرىدا سىياسەت بولسا، تۆۋەندە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرغۇدەك تەدبىر بار» دېگەندەك، زەھەر ئەتكەسچىلىرى تۈرلۈك «ئىجادىي» كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرىسىدا، زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەرلىك بۇيۇمنى يېمەكلىك ئارىسىدا يوشۇرۇن ساقلاشقا ئامراق.
 

20161213.8.jpg


2016–يىل 10–ئاينىڭ ئاخىرى، ئارىزونا شىتاتىدىكى تاموژنا خادىملىرى قوناق بولكىسى ئارىسىغا يوشۇرۇلغان زەھەرلىك كىرىستالنى قولغا چۈشۈردى.
10–ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكا تاموژنىسى بىلەن چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى بىر نەچچە كۆممىقوناق بولكىسى ئىچىدىن ئۈچ قاداق ئېغىرلىقتىكى (تەخمىنەن 1.36 كىلوگرام) كىرىستال زەھەرنى بايقىدى.
بۇندىن بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن، ساندىياگودىكى تاموژنا خادىملىرى تەرخەمەك ئارىسىغا يوشۇرۇلغان نەشىنى قولغا چۈشۈردى، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 3100 قاداق (تەخمىنەن 1406.14 كىلوگرام) كېلىدۇ.
8–ئايدا، چېگرا خىزمەتچى خادىملىرى يېشىل لىمون ئارىسىغا يوشۇرۇلغان، ئېغىرلىقى 4000 قاداق (تەخمىنەن 1814.37 كىلوگرام) قېلىدىغان نەشىنى بايمىدى. 7–ئاينىڭ باشلىرىدىكى ئىككى پارچە دېلودا، چېگرا خادىملىرى كۆكمۇچ ۋە تەرخەمەك ئارىسىدىن 200 قاداق (تەخمىنەن 90.72 كىلوگرام) ئېغىرلىقتىكى كىرىستال زەھەرنى بايقىدى.
تۆۋەندە زەھەر ئەتكەسچىلىرى زەھەرلىك بۇيۇم يۆتكەشكە قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە خىل چارە تونۇشتۇرۇلدى.

قىزىلمۇچ ئارىسىدا يوشۇرۇش، يالغان سەۋزە ياساپ قويۇش.
 

20161213.6.jpg


چېگرا خادىملىرى تېكساس شىتاتى كارون ئەتراپىدىكى فاررار خەلقئارالىق كۆۋرۈكى ئۈستىدە، سەۋزىگە ئوخشىتىپ ياساپ قويۇلغان نۇرغۇن نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن.
زەھەر ئەتكەسچىلىرى دائىم قانۇنلۇق سودا بىلەن قانۇنسىز سودىنى بىرلەشتۈرىدۇ، ئالدىدىكى كەينىدىكىسى ئۈچۈن قالقان بولۇپ بېرىدۇ. ئۆزىنى «زەھەرلىك بۇيۇملارنىڭ پىرى» دەپ ئاتىۋالغان گۇزمانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇ ھازىر مېكسىكا تۈرمىسىگە قاماقلىق.
ئۇ گۇئادالاخارادا بىر كونسېرۋا زاۋۇتى ئاچتى، «Comadre Jalapeños» دېگەن بەلگىسى بار بىر خىل كونسېرۋا ئىشلەپچىقىرىدۇ، بۇ كونسېرۋانىڭ ئىچىگە كوكايىن قاچىلانغان. پاترىك راددىن كىفى دېگەن كىشى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مەخسۇس گۇزمان توغرىلىق خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىدىغان ئىستونىدا مۇنداق دەپ يازغان: بۇ كونسېرۋالار ۋاكۇئۇملۇق ئورىلىپ، مېكسىكىلىقلار كالىفورنىيەدە ئاچقان دۇكانلارغا توشۇلىدۇ.
ساندىياگودىكى بىر سوت مەھكىمىسى بىر دېلودا «نەچچە يۈز كىلوگرام كوكايىن بېسىلغان» دېگەن خېتى بار قىزىلمۇچ كونسېرۋاسىدىن 1400 دەك كونسېرۋا چېگرىدا قولغا چۈشكەن.
يېقىندا، تېكساس شىتاتىنىڭ بىر ئەمەلدارى بىر تۈركۈم سەۋزە ئىچىدىن، قىزغۇچ لېنتا بىلەن ئورالغان نۇرغۇن نەشىنى بايقىغان. بۇ قېتىملىق ئاختۇرۇشتا بىر توننىدىن ئارتۇق نەشە قولغا چۈشكەن، بۇنىڭ قىممىتى 500 مىڭ دوللارغا يېتىدۇ. يېمەكلىك ئارىسىغا زەھەرلىك بۇيۇم يوشۇرۇش ئارقىلىق، زەھەرلىك بۇيۇملارنى ئامېرىكىنىڭ مەركەز قىسىملىرىغىچە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. 2015–يىل 12–ئايدا، چىكاگو ساقچى تەرەپ مۇنداق خەۋەر تاپشۇرۇۋالغان: بىر تۈركۈم پەمىدۇر ئارىسىدا 120 قاداق (تەخمىنەن 54.42 كىلوگرام) كوكايىن يوشۇرۇلغان، بۇنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى يەتتە مىليون دوللارغا يېتىدۇ.

تاۋۇز، ئاناناس قاتارلىق يېمەكلىكلەر.
 

20161213.7.jpg


2016–يىل 1–ئاينىڭ 21–كۈنى، ساقچىلار تېكساس شىتاتىدىكى فار رايونىدا، ئىككى توننىدەك كوكۇس ئىچىگە يوشۇرۇلغان نۇرغۇن نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن.
2014–يىل 2–ئايدا، گۇزمان 2–قېتىم قولغا ئېلىنىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، مېكسىكا سىنالوئانىڭ پايتەختى قۇلئاكان شەھىرىدە، ئالاقىدار تارماقلار ئىچىگە لىققىدە كوكايىن تىقىلغان 4000 تالدەك تەرخەمەك ۋە بانان بايقىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن.
يەنە بىر دېلودا، ئارىزونا شىتاتىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى بىر تۈركۈم نەشىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇ نەشىلەر سېرىق سىزىقى بار يېشىل سۇلياۋ ئورالما ئىچىگە سېلىنغان بولۇپ، تاۋۇز شەكلىدە ياساپ قويۇلغان.
ئامېرىكا–مېكسىكا چېگرىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار يەنە ئاناناس ئىچىگە كىرىستال زەھەر يوشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان.

كۆممىقوناق بولكىسى.
 

20161213.8.jpg


2014–يىل 8–ئاينىڭ 22–كۈنى، بىر ساياھەتچى كۆممىقوناق بولكىسى ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 198.45 گرام كېلىدىغان كوكايىننى ئەتكەس قىلماقچى بولغاندا، CBP خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قالغان.
2014–يىل 8–ئايدا، ھيۇستۇندىكى گېئورگى بۇش ئايرودرومىدا، CBP خادىملىرى سارۋادودىن كەلگەن بىر ساياھەتچىنى تۇتۇۋالغان. بۇ كىشى بىر ساندۇق كۆممىقوناق بولكىسى ئېلىپ كەلگەن، يەنى 200 تال بولكا. بۇنىڭ ئىچىگە ئېغىرلىقى تەخمىنەن 198.45 گرام كېلىدىغان كوكايىن يوشۇرۇپ قويۇلغان.

تاتلىق بولكا
 

20161213.9.jpg


تاتلىق تۈرۈملەر زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئىلھامىنى قوزغايدىغان مەنبە دېيىشكە بولىدۇ.
2014–يىلنىڭ ئاخىرىدىن 2015–يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر، مېكسىكا ھەربىي تەرەپ بىر توپ تاتلىق تۈرۈملەرنى قولغا چۈشۈرگەن، BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ تاتلىق تۈرۈملەرگە شېكەر سېپىلماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئىچىگە كوكايىن قاچىلانغان.
2013–يىل يىل ئاخىرىدا، كولومبىيە ساياھەت مەنزىلى بولغان سان ئاندرۇس ئارىلىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 12 دانە تاتلىق بولكا ئىچىدىن ئېغىرلىقى تەخمىنەن ئىككى قاداق (997.90 گرام) كېلىدىغان كوكايىننى قولغا چۈشۈرگەن.
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالاقىدار تارماقلار يەنە ئىچىگە زەھەرلىك بۇيۇم قاچىلانغان تورتنىمۇ بايقىۋالغان.
11 – ئاينىڭ ئاخىرلىرى، ئولاندو خەلقئارا ئايرۇدرۇمىدىكى CBP نىڭ خىزمەتچىلىرى 9.5 قاداق (تەخمىنەن 4.31 كىلوگرام) كوكايىن ئېلىپ ماڭغان بىر ساياھەتچىنى تۇتۇۋالغان، بۇ كوكايىنلارنىڭ ھەممىسى قەنت گېزەكلەر ئىچىگە يوشۇرۇلغان.

توڭلىتىلغان لەھەڭ
 

20161213.10.jpg
 


مېكسىكا دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى زەھەر ئەتكەس قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن، توڭلىتىپ قويۇلغان لەھەڭنى تەكشۈرمەكتە.
2009–يىل، مېكسىكا يوكاتان شىتاتى پروگرېسو، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتى بىر تۈركۈم توڭلىتىلغان لەھەڭلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، لەھەڭنىڭ تېنى ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان كوكايىننى بايقىغان. BBC نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ «ئەڭ غەلىتە بايقاش» لارنىڭ بىرى ئىكەن.
زەھەرلىك بۇيۇملارنى لەھەڭنىڭ تېنى ئىچىگە يوشۇرۇش، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىچىگە زەھەر يوشۇرۇشتىكى بىردىن بىر سىناق ئەمەس.
راددىن كىفى مۇنداق دېگەن: گۇزماننىڭ شېرىكلىرىمۇ بېلىق ئىچىگە زەھەرلىك بۇيۇم سېلىپ باققان، ھەمدە بۇ ماللارنىڭ كۆزىتىش ئاپپاراتى ۋە ئاپشاركىلارنىڭ بۇرنىدىن ئامان قېلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئۇلار زەھەرلىك بۇيۇملارنى «بىر يۈك ماشىنىسىغا بېسىلغان بېلىقلار ئارىسىغا يوشۇرۇپ قويىدۇ (ھاۋا ئىسسىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا خادىملار سېسىق پۇراق دەستىدىن تەپسىلى تەكشۈرۈپ كېتىشى ناتايىن)، راددىن كىفى شۇنداق دەپ يازغان.

ھالەتنى ئۆزگەرتىش.
 

20161213.11.jpg


2016–يىل 12–ئايدا، چىلى تاموژنىسى چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى قاچىلىنىدىغان بوتۇلكا ئىچىگە يوشۇرۇپ قويۇلغان كوكايىننى قولغا چۈشۈرگەن.
زەھەر ئەتكەسچىلىرى كوكايىننى يېمەكلىك ئارىسىغا يوشۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە ئۇنىڭ فىزىكىلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان.
ئاخبارات تور بېكىتى BioBioChile نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، چىلى ئەمەلدارلىرى ئۈچ دانە چاچ سوپۇنى قاچىلانغان بوتۇلكا ئىچىدىن ئېغىرلىقى تۆت قاداق (تەخمىنەن 1.81 كىلوگرام) كېلىدىغان كوكايىننى بايقىغان.
چىلىنىڭ شىمالىدىكى رايوندىكى تاموژنا خادىمى رىكاردو مۇنداق دېگەن: «بۇ بىزنىڭ يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى زەھەرلىك بۇيۇمنى تۇنجى قېتىم بايقىشىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇيۇملار خىمىيەلىك بىر تەرەپ قىلىنغان، ھېچقانداق پۇراق يوق». رىكاردونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇرۇن سۇيۇق ھالەتتىكى كوكايىننى قولغا چۈشۈرۈپ باققان، بۇ كوكايىن ئەينى ۋاقىتتا ماشىنا ۋە قارا ماشىنىنىڭ ماي باكى ئىچىگە يوشۇرۇلغان ئىكەن. «بىراق ئەزەلدىن بۇنداق يېرىم قاتتىق ھالەتتە ئەمەس، ھەم يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەرگىمۇ ئىگە ئەمەس» ئىدى.