ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى گىتلېر يەھۇدىيلارنى قىرغاندەك قىرىۋېتىمەن
ۋاقتى : 2016-10-07 10:39:00  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : يارپ

دۇتېرت: زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى گىتلېر يەھۇدىيلارنى قىرغاندەك قىرىۋېتىمەن
 

يەرشارى تورى خەۋرى،
ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرت يەنە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان گەپلەرنى قىلغان، ئۇ 3000 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قانخور زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى گىتلېرنىڭ مىليونلىغان يەھۇدىينى قىرغىن قىلغان ھەرىكىتىگە سېلىشتۇرۇپ، «زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قىرىۋېتەلەيمەن» دېگەن ھەمدە بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇتېرت جۈمە كۈنى سەھەردە ۋيېتنام شەھىرى داۋائونى زىيارەت قىلغان ۋاقىتتا، زەھەر ئەسكەتچىلىرى ۋە زەھەر چېكىدىغانلارغا يېڭىدىن تەھدىت سالغان. دۇتېرت ۋيېتنام رەھبەرلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
دۇتېرت مۇنداق دېگەن:«گىتلېر 3 مىليون يەھۇدىينى قىرغىن قىلدى......(فىلىپپىن)دە 3 مىليون زەھەر ئەتكەسچىسى ۋە زەھەرگە خۇمار بولغانلار بار، مەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئىنتايىن خالايمەن. ئەگەر گېرمانىيەدە گىتلېر بولسا، فىلىپپىندە.......» ئۇ سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئازراق تۇرۇۋالغان ئاندىن «مەن بار» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تارىخشۇناسلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ۋە ئۇرۇش مەزگىلىدە، گىتلېرنىڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن يەھۇدىيلارنىڭ سانى تەخمىنەن 6 مىليونغا يېتىدىكەن.