ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
زەھەر چەكلەش كۈنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى پىدائىلىرى ھەرىكەتتە
ۋاقتى : 2016-06-30 10:43:26  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ
زەھەر چەكلەش كۈنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى پىدائىلىرى ھەرىكەتتە
 

 


زەھەر چەكلەش كۈنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىرى ھەركەتتە

 

26 -ئىيون چۈشتىن بۇرۇن خوتەن شەھەرلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى 3-نۆۋەتلىك ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۇنۋىرسال ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسى ۋە شەھەرلىك «قىزىل لىنتا» پىدائىلار ئەترىتى قاتارلىق ئورۇنلار شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىدىكى خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاق مەيدانى، چوڭ بازار ۋە نىمكەش ماشىنا بازىرى قاتارلىق ئورۇنلاردا، زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ ھەر بىر ئائىلىگە ۋە جەمىيەتكە كەلتۈرگەن زىينى قاتارلىق مول مەزمۇنلار بىلەن كەڭ جامائەتچىلىككە« زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھاياتنى قەدىرلەش» باش تىما قىلىنغان يۈز تۇرانە تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

 

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلار، پىدائىلار ئەترىتىدىكى جەمئىيەت ئەرباپلىرى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرى ۋە پىدائى ئەتىرەت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان40 نەچچە ئادەم قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق3000دىن ئارتۇق كەڭ خەلىق ئاممىسى مول بولغان تەشۋىقى بىلىملەرگە ئىگە بولدى ۋە 3000دىن ئارتۇق تەشۋىقات بۇيۇمى ۋە ۋاراقچىلىرى تارقىتىلدى.