ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە پائال قاتنىشىپ، زەھەر چەكلەشتىكى «تەشۋىقاتچى» لاردىن بولايلى
ۋاقتى : 2016-06-23 11:13:29  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە پائال قاتنىشىپ، زەھەر چەكلەشتىكى «تەشۋىقاتچى» لاردىن بولايلى

 

 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەر چەكلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، زەھەر چەكلەش ۋە زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى يەنىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 22-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھىرى بەيگە مەيدانى شەرقىي ئاھالىلەر كومىتېتىدا «ئاچا-سىڭىللار قول تۇتۇشۇپ، زەھەرنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزمەيلى» تېمىسىدا بىر مەيدان تەشۋىق-تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

 


ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس مىھرىگۈل بەردى مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە 6-نۆۋەتلىك، ئاپتونوم رايون بويىچە 24-نۆۋەتلىك «ئومۇمىي خەلق زەھەر چەكلەش تەشۋىقات ئېيى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى «ئاچا-سىڭىللار قول تۇتۇشۇپ، زەھەرنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزمەيلى» تېمىسىدا زەھەر چەكلەش تەشۋىقات-تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. زەھەر چەكلەش تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەھەللە، ئائىلە بولۇپ، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئەۋزەللىكىمۇ مۇشۇ يەردە. بۇ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەربىر ئائىلىلەرگىچە تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، زەھەر چەكلەش خەلق كۈرىشى ئۈچۈن ياخشى بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

پائالىيەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى ئابدۇۋەلى ئەبەي نەق مەيداندا زەھەرنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە لېكسىيە سۆزلىدى.پائالىيەت ئاخىرىدا زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى بويىچە مۇكاپاتلىق سۇئال-جاۋاپ پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان مەھەللىدىكى ئامما ئەستايىدىللىق بىلەن لېكسىيە ئاڭلاپ، سۇئاللارغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ زەھەرگە قارشى تۇرۇشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتى.

 

ئامما سۇئاللارغا قىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەرمەكتە