ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى مەكتەپلەرگە كىردى
ۋاقتى : 2009-01-08 18:38:24  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

 

ئىيۇن ، مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر مەملىكەتلىك ئون چوڭ ئەل ئىچى زەھەر چەكلەش ئەربابى نامىغا ئىككى نۆۋەت ئېرىشكەن ئەخمەت قۇربان (ئالدىدا ) ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان ئېغىر زىيىنىنى چۈشەندۈرمەكتە .

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى تارىخ ۋە مەدەنىيەت سارىيى بىلەن شىنجاڭ يارىپ تورى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا چوڭ تىپتىكى زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ باردى . بۇ ئارقىلىق كىشلەرگە زەھەرنىڭ زىيىنىنى تونۇتۇپ ، ئۇلارنى ‹‹ زەھەر كېسەلگە داۋا بولىدۇ ›› دېگەنگە ئوخشاش سەپ–سەتىلەرگە ئىشەنمەسلىككە دەۋەت قىلدى . شۇنداقلا زەھەردىن يىراق بولۇپ ، ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تەۋسىيە قىلدى .

2008 –يىلى 26–ئىيۇن ، 21 –قېتىملىق زەھەر تاشلاش كۈنى . بۇ يىللىق تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي تېمىسى ‹‹قانۇنغا رىئايە قىلىپ زەھەر تاشلاپ ، ئىناقلىق بەرپا قىلىش ››تىن ئىبارەت.