ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ پىدائىيلىرى
يارىپ پىدائىيلىرى
پىدائىلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بىرىلدى
ۋاقتى : 2016-11-21 13:25:49  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

 

 


 

پىدائىيلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى بىرىلدى

 

 

2016_يىلى 11_ئاينىڭ 19- كۈنى شىنجاڭ گىئولوگىيىلىك قېزىلما بايلىقلار مۇزىيىدا ئەيدىزگە قارشى يۈكسەل پىدائىيلار ئەتىرتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەمىدە رۇسۇل خانىم ۋە ئەھمەت قۇربان ئەپەندىمنىڭ باشچىلىقىدا بىر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىي ياشلارنى تەربىيلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كومىتىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دىلشات ياقۇپ ئەپەندىم كېلىپ،  بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلارغا ئەيدىز بىلىملىرى ھەققىدە مۇھىم چۈشەنچىلەردىن تەربىيلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى تەربىيلەشتىن كېيىن، پىدائىي ياشلارنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، بۇنۇڭدىن كېيىنكى تەشۋىقات خىزمەتلىرىگە بولغان ئاكتىپچانلىق روھى كۈچەيدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت پىدائىي ياشلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۈزىمىزنى چېنىقتۇرىدىغان چوڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇ مېھىر-مۇھەببەتكە تۇتاشقان پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ھەرقايسى ئورۇنلارغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. يولىمىز پارلاق بولسۇن.