ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  جەمئىيەت مەدەنىيىتى
جەمئىيەت مەدەنىيىتى
ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى بىلەن ئەمەلىيەت چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلدى
ۋاقتى : 2013-12-20 16:00:28  مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

 ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى بىلەن ئەمەلىيەت چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 11 – دېكابىردىن 19 – دېكابىرغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككى قارار ئاخبارات سېپىدىكىلەرنى ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى، شىنجاڭنىڭ ئاخبارات سېپىدىكى 260دىن كۆپرەك رەھبەر ۋە غوللۇق كەسپىي خادىم چوڭقۇر، جانلىق ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى.

   بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تۈرلۈك تاراتقۇ، گېزىتخانا، رادىيو ئىستانسىسى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاخبارات تور بېكىتىنىڭ باشلىقى (مۇئاۋىن باشلىقى)، باش مۇھەررىرى (مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)، ئىستانسا باشلىقى (مۇئاۋىن باشلىقى)لىرىنى، يەنە ھەر قايسى تاراتقۇلارنىڭ بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە غوللۇق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنى، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، خۇيزۇ، مياۋزۇ، شىبوزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   بۇ قېتىملىق تەربىيەلەشتە ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى يېتەكچى، خەلق مەركەز قىلىنغان ئاخبارات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى روھى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېمىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى يېڭى، شەكلى جانلىق كۆپ خىل دەرسلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. كۇرستا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى خۇ خەنمىڭ ‹‹يېڭى ۋەزىيەتتە جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش كېرەك›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەپ، دۆلەت ئىچى – سىرتى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، شىنجاڭ ئاخبارات – تەشۋىقات سېپىنىڭ ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئېنىق بېكىتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ كېراڭ ج ك پ 18 –نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، كۇرسانتلارنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم قىلدى؛ شىنجاڭ ئاخباراتچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇ چيەن ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 18 – قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بىر قاتار سۆزلىرىنىڭ روھى، شۇنداقلا ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى›› ھەققىدە سۆزلەپ، كۇرسانتلارنىڭ بۇرچىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى يارىتىشىغا ئىلھام بەردى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى ليۇ بىڭ ‹‹مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى›› ھەققىدە سۆزلەپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق ئۆستۈرۈشنى تەھلىل قىلدى؛ شىنجاڭ گېزىتخانىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇھەررىر جاۋ شىنيۈ ‹‹باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشۋىقات – ئىدىيە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى››نى شەرھلىدى؛ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما پىنيەن ‹‹شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى››نى تەھلىل قىلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد – تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد ئورنىنىڭ باشلىقى ليۇ چۈنيۈ ‹‹شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى ھەققىدە تەھلىل›› دوكلاتىنى بايان قىلدى، كۇرستا يەنە سىن فىلىمى كۆرۈش، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلاردا ماركسىزملىق ئاخبارات قارىشى بويىچە تەربىيەلەش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدىكەن. بۇ قېتىمقى غوللۇق كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقان كۇرسانتلار جايلار، ئورۇنلاردا دەرس سۆزلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.