ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
تەغدىر ئۆزىنى قۇتقازغانلارغا مەدەتكار
ۋاقتى : 2013-02-25 11:28:37  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : مەقسەت

تەغدىر ئۆزىنى ئۆزى  قۇتقازغانلارغا مەدەتكار


 سامۇئېل سىمايلىس (ئەنگىلىيە)


 ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسى


    تەرجىماندىن:ئىنگىلىزلارنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەڭداشسىز ئورنىنى ئادەملىرىمىز ئوبدان بىلىدۇ. زىيالىلىرىمىز ئۇلار ياراتقان مۆجىزىلەرگە شۇ قەدەر چوقۇنىدىكى، دەل شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئۇلار ئۆزلىرىدىكى ئىقتىدار ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىمەتنى ئۇنتۇپ كېتىپ، زەئىپ بىر كەمسىتىلىش كەيپىياتىدا تارىخ ئالدىدىكى ۋەزىپىلىرىنى تۇنۇيالمايدۇ.مېنىڭچە، ئىنگىلىزلار دۇنياغا تەجرىبە كۆزى بىلەن قاراپ كەلگەن، ئۇلار ئاۋال تەجرىبە قىلىپ ئاندىن ئىشەنگەن. تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددى ئالدامچىلىق ۋە پىتبە-ئىغۋالارغا  ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىپ، تۈرلۈك سىياسى ئويۇننىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان بىزدەك خەلق دۇنيادىكى تۈرلۈك ئىشنى ئۆز ئەقلى ۋە مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن تەجرىبە قىلىشى ۋە مۇستەققىل باھالىشى كېرەك. تەجرىبىچىلىك ئىنگىلىز دۇنياسىدىكى ئەقىل-پاراسەتنىڭ مۇھىم بىر يۇسۇنى. بىر مىللەت ئۆز خارەكتېرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ئۆزى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مۇھتاج. بۇ مۇھتاجلىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىزمۇ باشقا مىللەتلەرنى ئەقىل تارازىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

*     *    *     *    *    *     *      *      *

بىز ئۆزىمىزنى تۈزۈمگە بەكرەك باغلاپ، ئىنسانغا بولغان ئۈمىدىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدۇق.  ــــ  بىنيامىن دىشىللىې

«تەغدىر ئۆزىنى ئۆزى قۇتقاشغانلارغا مەدەتكار.»بۇ تالاي سىناقتىن ئۆتكەن ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزاق جەريانىدىكى سانسىز ئىنساننىڭ تەجرىبىسى تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان. ئۆز كۈچىگە تايىنىش روھى شەخسنىڭ تەتقىقاتى ئىلگىرىلىشىنىڭ مەنبەسى. ئۇ تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۆرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشىدىكى تۈرتكىگە ئايلىنىدۇ.ئۈنۈم جەھەتتىن قارىغاندا، تاشقى ياردەم ياردەمگە ئېرىشكۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ئىچكى ياردەم ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزغۇچىنى راۋاج تاپقۇزىدۇ.سەن مەلۇم بىر كىشى ياكى مەلۇم بىر قاتلامغا كۈچ چىقارساڭ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ھاياتىي كۈچىنى بۇغۇپ قويغان بولىسەن. كىشىلەر زىيادە پەرۋىشكە، چېكىدىن ئاشقان رەھبەرلىككە ۋە قاتتىق نازارەتكە چۈشۈپ قالغان جايدا مۇقەررەر شۇنداق بىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ:بۇنداق كىشىلەر قۇتقۇزغىلى بولمايدىغان زەئىپلىككە گىرىپتار بولىدۇ.

ھەتتا ئەڭ ياخشى تۈزۈممۇ بىراۋغا ئاكتىۋال ياردەم بېرەلمەيدۇ.تۈزۈم پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىشىنى ئۆزى ئەركىن ھالدا ئاقتۇرۇپ، ھاياتلىق ھالىتىنى ياخشىلىشىغا رۇخسەت بەرسىلا بولدى. بىراق ھەرقانداق دەۋىرنىڭ كىشىلىرى قىلچىمۇ شەك كەلتۈرمىگەن ھالدا مېنىڭ بەختىم ئۆز كۈچۈمدىن ئەمەس، بەلكى تۈزۈمدىن كېلىدۇ دەپ ئىشىنىشتى.شۇڭلاشقا ئىساننى ئالغا باستۇرىدىغان بىر خىل سەۋەب بولمىش قانۇننىڭ قىممىتى زىيادە ئۈستۈن مۆلچەرلەندى. كىشىلەر قۇرۇپ چىققان قانۇن مۇتەخەسسىلىرىنىڭ فۇنكىتسىيىسى مىليونلاپ ئاشتى. ھەر ئۈچ يىلدا ياكى بەش يىلدا قانۇن تۈزگۈچىلەر سايلاپ چىقىلدى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى بىجىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر شەخسنىڭ تۇرمۇشى ۋە خارەكتېرىگە ئېلىپ كەلگەن ئاكتىپ تەسىرى يوق ھېسابتا بولدى. تىلغا ئېلىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا، يۈز بەرگەن ئىشلار كىشىلەرگە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنىڭ ئىجابىي ۋە ئاكتىپ بولماستىن، بەلكى پاسسىپ ۋە چەكلىك بولىدىغانلىقىنى تۇنۇتتى. ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رولى كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ئەركىنلىكى ۋە مال-مۈلكىنى قوغداشتا. قانۇن ئاقىلانە ئىجرا قىلىنىدىغان بولسا، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز ئەمگەك مىۋىسىدىن بەھرىمان بولۇپ ھېچقانداق ئەقلىي ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىنى باراۋەر ھالدا كاپالەتلەندۈرگەن بولاتتى، كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن ئاز-تولا بەدەل(باج) تۆلىسىلا بولاتتى.ھەرقانداق قاتتىق قانۇنمۇ بىكار تەلەپلەرنى ئەمگەكچانلارغا، ئىسراپخورلارنى تىجەشچانلارغا ئايلاندۇرالمايدۇ، ھاراقكەشلەرنى ھاراق تاشلاتقۇزالمايدۇ.بۇلارنى پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەركىتى، ئىقتىساتچانلىقى ۋە ئۆزىنى باشقۇرىشى ئارقىلىقلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئۇلارنى ئۈستۈن ھوقۇق ئەمەس، بەلكى ياخشى ئادەت ئارقىلىق ئۆزگەرتىش لازىم.

ھۆكۈمەت ئۇنى ئۇنى تەشكىل قىلغان شەخسلەر خارەكتېرىنىڭ كوپىيىسى.ساپاسى ئۈستۈن ھۆكۈمەت ھامان ئۆز خەلقىنىڭ ساپاسى پەللىسىگە كۆتىرىلىدۇ.ساپاسى تۆۋەن ھۆكۈمەتمۇ ھامان ئۆز خەلقىنىڭ ساپاسى پەللىسىدىن چۈشۈپ قالىدۇ.تەرتىپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قارىغاندا، سۇنىڭ يۈزى سۇ ئارقىلىق ھاسىل بولغاندەك، بىر دۆلەتنىڭ قانۇنى ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇلمىسىنىڭ مەزمۇنى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ باشقا ئاقىۋەتلىرىمۇ دۆلەتنى تەشكىل قىلغان مىللەتنىڭ پۈتكۈل خارەكتېرىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بىرىدۇ.ئېسىللار ئېسىللارغا خاس ئىدارە قىلىنىدۇ.نادانلار بىلەن زەئىپلەر نادانلارچە ئىدارە قىلىنىدۇ.تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەتنىڭ قىممىتى ۋە قۇدرىتى تۈزۈمنىڭ شەكلىگە باغلىق ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ساپاسىغا باغلىق. چۈنكى دۆلەت شەخسلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر، مەدەنىيەت بولسا جەمىيەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئۆز ھالىتىنى  ئۆزگەرتىش يۆنىلىشىدىدىن ئىبارەت.

دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى پۇقرانىڭ تىرىشچانلىقى، جاپالىق ئەمگىكى ۋە سەمىمىلىكىدىن كېلىدۇ. ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ خاراپ بولۇشىمۇ پۇقرانىڭ ھورۇنلىقى، شەخسىيەتچىلىكى ۋە رەزىللىكىدىن كېلىدۇ. ئومۇمەن، رەزىل دەپ ئەيىپلەنگەن نەرسىلەر ھەممە تەرەپنى قاپلاپ كەتكەن ئىپلاس تۇرمۇشتا كۆپ بولىدۇ. گەرچە بىز ئۇلارنى قانۇنىي ۋاستىلەر ئارقىلىق يوقىتىشقا تىېرىشساقمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزىگە باب تۇپراقنى كۆرسىلا دەرھال تىرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ شەخسىيەت ۋە خارەكتېرىدىكى يىلتىزى قۇرۇتۇپ تاشلانغاندىلا ئۈزۈل-كېسىل تۈگەيدۇ. شۇنداق ئىكەن، بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مېھرىبانلىقىنى قانۇن بىلەن تۈزۈمگە ياپسالاپ قويماستىن، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئەركىن ھەم مۇستەققىل خۇسۇسى ھەرىكىتى ھالىتىدە ساقلاش كېرەك.

ئىشلار شەخسنىڭ مەنىۋى كۈچى ئارقىلىق باشقۇرىلىدىغان دەۋر يېتىپ كەلگەندە، كىشىلەرگە تاشقى كونتۇرۇل ئېلىپ كېلىدىغان تەسىر بىر قەدەر ئازايغان بولىدۇ.ئەڭ يامان قۇللۇق زوراۋاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى قۇللۇق ئەمەس (گەرچە بۇ ئەڭ زور جىنايەت بولسىمۇ)، بەلكى ئادالەت جەھەتتىكى بىلىمسىزلىك، شەخسىيەتچىلىك ۋە رەزىللىك تۈپەيلى كېلىپ چىققان قۇللۇقتىن ئىبارەت.روھى جەھەتتىن قۇل بولۇپ قالغان مىللەت خوجايىن ياكى تۈزۈم ئۆزگەرگەن چاغدىمۇ ھۆرلۈك تاپالمايدۇ.جاننى ئالىدىغان روھى مەھكۇملۇقنىڭ تۇمانلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئىگىلەپ تۇرىۋېرىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئەتكىنلىك ھوقۇقى بەرىبىر ھۆكۈمەت چاڭگىلىدا تۇرىۋەرگەن بولىدۇ.ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ، زور بەدەللەر تۆلەنسىمۇ، بىراق مەھكۇملۇق ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت ياشىغان خەلق ئۇزاققا بارىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرەلمەيدۇ.ئەركىنلىك كىشىلەر قەلبىگە يىلتىز تارتقاندىلا، ئاندىن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە دۆلەت گۈللىنىشىنىڭ بىردىن بىر ئىشەنچىلىك كاپالىتى بولالايدۇ.يوھان سىتۇئارت مىل ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېگەن:«شەخدنىڭ خاسلىقى مەۋجۇتلا بولىدىكەن، مۇستەبىتلىكمۇ يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلالمايدۇ.شەخسنىڭ خاسلىقىنى ۋەيران قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە قانداق نام بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن قەتئىنەزەر مۇستەبىتلىكنىڭ دەل ئۆزىدۇر.»

ئىنسانىيەتنىڭ ئىگىرلىشىدە مۇنداق بىر خاتالىق ھەمىشە يۈز بەرگەن.بەزىلەر (رىم ئىمپىراتۇرى) قەيسەردەك قۇتقۇزغۇچىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىلەر مىللەتنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزغۇچى دەپ ئۈمىد قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۈمىدنى كېڭەشنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا باغلايدۇ. بىزمۇ شۇنداق تەلەپ قىلىپ: «كىم بويسۇنسا، شۇ بەختلىك» دېگەن بۇ ئاددى يەكۈن (ھەرقانداق ئىشنى خەلق ئۆزى قارار قىلماستىن، قانداقتۇ بىر نىجاتچى قارار قىلىدۇ، دېگەن فىرىنسىپ)نى كەشىپ قىلدۇق.ئەگەر بۇ قاراشنى يېتەكچى ئىدىيە قىلساق، بىر مىللەتنىڭ ھۆرلۈك تەلەپ قىلىدىغان ۋىجدانى ھالەك بولىدۇ-دە، مۇستەبىتلىك ئۈچۈن يول ئېچىلغان بولىدۇ.قەيسەرچىلىك نىجات يۇلتۇزىغا چوقۇنۇش مەسلىكى ئىچىدىكى ئەڭ ناچار شەكىل. ئۇ مۇتلەق بىر ھوقۇققا چوقۇنۇش بولۇپ، ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان يامان ئاقىۋىتى خۇددى نۇقۇل پۇلغا چوقۇنۇشتەكلا بولىدۇ.بىردىن بىر پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان تەلىمات ئۆز كۈچىگە تايىنىشتىن ئىبارەت. كىشىلەر بۇنى چوڭقۇرلاپ تونۇپ يېتىپ، ئۆز ھەركىتىگە ئايلاندۇرسا، شەخسكە چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ققەيسەرچىلىك يوقايدۇ.شەخسكە چوقۇنۇش بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىش بىر-بىرىگە تۈپتىن قارىمۇقارشى.ۋىكتور ھىيۇگونىڭ قەلەم بىلەن شەمشەر ھەققىدىكى بايانلىرى يۇقۇرىقى ئىككى فىرىنسىپ ئوتتۇرىسسىكى مۇناسىۋەتنى كۆرسۈتۈپ بەرگەن: «بىرى يەنە بىرىنى ھالەك قىلىدۇ.»

مىللەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە كېڭەشنىڭ ئەمرى دېگەنلەر تازا دەۋر سۈرىۋاتقان خۇراپاتلاردۇر.ۋىليام دالگان ناھايىتى جايىدا ئېيتقان:«راستىنى ئېيتسام، مۇستەققىللىق دېگەن ئەقىدە ئۆزۈمدە، دۆلىتىمدە ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىرىسىدا بولماستىن، قانداقتۇر ئۇ يەر-بۇ يەردىن كېلىپ قالىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەن. بىز ئۈمىدىمىزنى خوشنىلىرىمىزغا ۋە ئۆزگە ئەلدىكى كىشىلەرگە باغلاپ قويدۇق. ئۆزگىلەر بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن دەڭسەپ كۆرگىنىمدە شۇنداق بىر پىكىرگە كېلىپ قالىمەن: سانائىتىمىزنىڭ مۇستەققىللىقى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزگە باغلىق.ئىشىنىمەنكى، بىزدە تىرىشچانلىق ۋە ئىزدىنىش روھى كەم بولىدىكەن، ئەلۋەتتە گۈزەل پۇرسەت ۋە ئىستىقبالدىن ئايرىلىپ قالىمىز.بىز دەسلەپكى قەدەمنى ئېلىپ بولدۇق، بىراق ئەستە تۇتۇش كېرەككى، قەتئىي ئىرادە مۇۋەپپىقىيەتنىڭ كاپالىتى.ئەگەر بىز تولۇپ-تاشقان قىزغىن ھېسسىيات بىلەن ئالغا بېسىۋەرسەك، راھەت، بەخت ۋە مۇستەققىللىققا ئورتاق ئېرىشىشتەك مەنزىلگە يېتىپ بارالايمىز، ئۇنى باشقا خەلقلەرگىمۇ ئومۇملاشتۇرالايمىز.»

ھەرقانداق مىللەت نۇرغۇن ئەۋلاد مۇتەپەككۇرىنىڭ تاۋلىشى ۋە جاپالىق ئەمگىگى ئارقىسىدا ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن.بۇ جەرياندا تېرىمچىلار، قازغۇچىلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تېخنىكلار، ھۈنەرۋەنلەر، شائىرلار، پەيلاسۇپلار ۋە سىياسىيۇنلاردىن ئىبارەت ھەر ساھە كىشىلىرى ئۆز مىللىتى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن مۇستەھكەم خىزمەت قىلدى ھەم تۆھپە قوشتى.ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىرىشتى.كىيىنكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئالدىنقىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈردى. ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تىرىشچانلىقى ئاخىر مۇجىمەل ھالەتتىكى پەن، سانائەت ۋە سەنئەتتىن تەرتىپ ياراتتى. شۇڭا، بىزدەك ھاياتلىق ئەھلى، ئەجدادلار قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلارنىڭ ۋارىسلىرىغا ئايلاندۇق. بۇ مىراسلار بىزنىڭ قولىمىز ئارقىلىق كېلىچەك ئۈچۈن رول ئوينىماقتا. بىز ئۇ مىراسلارنى ئەۋلادلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بىرىمىز، بۇ جەرياندا ئۇ خوراپ كەتمەيدۇ، بەلكى تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ.

ئۆز كۈچىگە تايىنىش روھى ھاياتىي كۈچكە تولغان شەخسى پائالىيەتتە نامايەن بولغاندەك، ئۇ ھەرقانداق دەۋىردە ئىنگىلىز خارەكتېرىنىڭ دىققەتنى تارتىدىغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى. بۇ خاراكتېر مىللىتىمىز روھىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسىگە ئايلاندى.ئاز سانلىقلارلا ئالاھىدە بولىۋالغان جەمئىيەتتە كىشىلەر مۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ يەتكەن بولىدۇ:ئامما ئىچىدىكى بەزى مۇنەۋۋەر شەخسلەر باشقىلاردىن ئەبىدى ھالقىپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ قايىللىقى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ.بىراق بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىلگىرلىشى ئۇنداق خۇسىيەتكە ئىگە ئەمەس.مىللىتىمىزنىڭ روناق تېپىشى يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز نامسىز ئەمگەكچىلەرنىڭ جاپالىق مېھنىتى بىلەن باغلىق بولىدۇ.تارىختىكى بۈيۈك ئۇرۇشلاردىن قېپقالغىنى پەقەت گېنىراللارنىڭلا ئىسمىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا، ئاددى ئەسكەرلەر ئۆزىنىڭ باتۇرلىقى ۋە قەھرىمانلىق روھىنى ئۇرغۇتمىغان بولسا، غەلىبە بولمىغان بولاتتى.دېمەك، تۇرمۇش بىر مەيدان «ئۇرۇش».ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر خەلق ھەرقانداق دەۋىردە ئەڭ ئۇلۇغ ئەمگەكچىدۇر. كۆپ ساندىكى كىشى ئۈن-تىنسىز ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيتكە كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار بارلىق ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋەتىنىدۇر.كېلىپ چىقىشى ئاددى بىر توپ قېرىنداشلىرى ئالدىدا تىرىشچان، ئىقتىساتچىل ۋە ئەستايىدىل بولسا، ئۇنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىكى بەختلىك ھاياتقا قوشقان تۆھپىسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇپ قالماستىن، يەنە ئۇزاق مۇددەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتى ۋە پەزىلىتى ئىستىخىيىلىك ھالدا باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، كېلەچەك ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ.

تۇرمۇش تەجرىبىلىرىدىن ئايانكى، ھاياتىي كۈچكە تولغان شەخسىيەتچىلىك باشقىلارغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۈنۈملۈك تەربىيىگە ئايلىنىدۇ.بۇ خىل تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە سېلىشتۇرغاندا، مەكتەپ، ئىنسىتىتۇت ۋە ئۇنۋېرستلارنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەربىيەسى پەقەت تولىمۇ ئاددى ھالدىكى مەدەنىيەت ئاقارتىشىدىن ئىبارەت.كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى مائارىپ بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا ھەركۈنى بولۇپ تۇرىدۇ:ئۇ ئائىلىلەردە، رەستىلەردە، ماگزىنلارنىڭ پەشتاختىلىرىدا، سېخلاردا، دەستىگاھلاردا، ئېتىزلىقلاردامالىيە ئىشخانىلىرىدا، ھۈنەرۋەنلەرنىڭ دۇكارلىرىدا، ۋاراڭ-چۇرۇڭلۇق توپ ئارىسىدا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ تۇرتىدۇ.ئۇ جەمئىيەت ئەزالىرى ئېرىشكەن ئاداققى يېتەكچى. بۈيۈك مۇتەپەككۇر بېكون مۇنداق دېگەن: «ئۆگىنىش بىلىمنى ئىشلىتىش يوللىرىنى بىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەس.بىلىمنى ئىشلىتىش ئۆگىنىشتىن ھالقىغان ئەقىل-پاراسەتتۇر.بۇ پاراسەت بىۋاسىتە كۈزىتىپ تەجرىبە قىلىشتىن كېلىدۇ.»بۇ سۆز تۇرمۇشتا ئەقىل-پاراسەت يىتىلدۈرۈشكە ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھالىنى كىتاب ئوقۇشقا ئەمەس، بەلكى خىزمەتكە تايىنىپ ياخشىلايدۇ، يەنى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ھالىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ئارقىلىق؛ تەتقىقات ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت ئارقىلىق؛ تەرجىمىھال ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى خاراكتېر ئارقىلىق ياخشىلايدۇ.

    ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھالى، بولۇپمۇ پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى كىشىلەرنى يىتەكلەش، ئۇلارغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك قوزغاتقۇ.ئۇ، كىشلەرگە ئالىيجاناب تۇرمۇشنى، بىباھا ئىدىيەلەرنى ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان ياشاش شەكلىنى بەخش ئېتىدۇ.

ئومۇمەن، ئىنسان خارەكتېرى ھەر خىل شەكىلسىز تەسىرنىڭ مەھسۇلىدۇر، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈلگىلەر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ تەسىرى، تۇرمۇش ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى، دوستلار ۋە خوشنىلارنىڭ تەسىرى، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ۋە ئەجدادلىرىمىز روھىنىڭ تەسىرى مەۋجۇت.ئەمما، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، سەن ئۆزۈڭ ئۆزۈڭگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى قۇتقۇزغۇچى.

(«ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز»ناملىق خەنزۇچە كىتابنىڭ 1-بابىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىنغان.ساموئېل سمايلسنىڭ «ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز»ناملىق بۇ كىتابى 1859-يىلى نەشىر قىلىنغاندىن بېرى مىليونلىغان جاپاكەش خەلقنىڭ ئۆز تەغدىرىنى ئۆزگەرتىشىدىكى قوللانمىسىغا ئايلىنىپ كەلگەن. مەزكۇر كىتاب 140 يىلدىن بېرى نۇرغۇن دۆلەتتە تەكرار-تەكرار نەشىر قىلغان.)

مەنبە: ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «يۈزىمىز، ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز»  ناملىق كىتابى.