ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى يېپىلدى
ۋاقتى : 2012-12-14 10:39:48  مەنبەسى : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيۇ تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

:
     جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 5-نۆۋەتلىك بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى.
     بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «پەن-تېخنىكا، مۇھىت ۋە كىشىلىك ھوقۇق» باش تېما قىلىندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە بىر قىسىم دۆلەت، رايونلار شۇنىڭدەك جۇڭگونىڭ 120 دىن ئارتۇق ۋەكىلى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، سەمىمىي، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇزاكىرە قىلدى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە ئەنئەنىۋىي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دەۋرگە يېقىندىن ئەگىشىش باش تېمىسىغا دىققەت قىلىنىپ، نۆۋەتتە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن مۇھاكىمە قىلىندى. پەن-تېخنىكا، مۇھىت، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىش ئارقىلىق، كىشىلىك ھوقۇق قارشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تونۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى