ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش
ۋاقتى : 2013-01-05 13:18:49  مەنبەسى : تىيانشان تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا 2013-يىلىدىن 2018-يىلغىچە شىنجاڭ پىلان بويىچە ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىدىن 16 مىڭ 500 نى تەربىيلىمەكچى، دېدى.

    2003-يىلىدىن 2012-يىلغىچە دۆلەت ۋە شىنجاڭ 340 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەر، ئالىي مەكتەپ ۋە ئاپتونوم رايوندىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە تايىنىپ، ئىككى قاراردا دۆلەت ياردەم بېرىدىغان شىنجاڭنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ۋە بىر قارار شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. جەمئىي 19 مىڭ 700 ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەربىيەلەشكە قاتناشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 16 مىڭ 200 ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى، مۇتلەق كۆپ قىسمى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا تايانچ كۈچكە ئايلاندى.