ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  مەدەنىيەت  »  مىللەتلەر مەدەنىيتى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
مىللەتلەر مەدەنىيتى
چاغاننى چۈشەنسىڭىز جۇڭگولۇقلارنى چۈشۈنەلەيسىز
ۋاقتى : 2013-02-19 12:19:44  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن پەقەت بىرلا مۇھىم بايرام بار، ئۇ بولسىمۇ چاغان بايرىمى. چاغان جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېرسىيەت گېنىغا يوشۇرۇنغان مەخپىي شېفىرغا ئوخشاش، ۋاقتى كەلسىلا، ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ.

  دۇنيا نوپۇسىنڭ 5/1نى ئىگىلەيدىغان جۇڭگولۇقلار قىسقىغىنە بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك كۆچۈش قوشۇنىغا ئايلىنىدۇ. ھېچقانداق نەرسە چاغاننىڭ جۇڭگولۇقلار قەلبىدىكى ئورنىنى بۇ ساندىنمۇ بەكرەك ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاغان پۈتۈن ئائىلىنىڭ جەم بولۇشىدىن، ئۇرۇق-تۇغغانلىق مېھرىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭلاشقا، جۇڭگولۇقلار دۇنيادىكى ئەڭ قىستاڭچىلىق سەپەرگە چىداپ، ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. بۇ قارىماققا ئادەتتىك، ھەيران قالغۇچىلىكى ھەرىكەتتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلارنى چۈشىنىشتە مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.